ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، جەمئىيىتى ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى» فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا 20 - نويابىر كۈنى ئاخىرلاشتى.
پارىژدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا چاقىرىلغان يىغىندا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ 24 نەپەر تەتقىقاتچى ئىلمىي دوكلات بەردى. ماقالىلەر تىل، تارىخ، ئەدەبىيات، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، فولكلور ۋە سىياسەتكە ئوخشاش كەڭ دائىرىدىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يېڭى تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، جەمئىيىتى ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شان روبېرتسون ئەپەندى ۋە يىغىندا ئىلمىي دوكلات بەرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن گېرمانىيە گۆتىڭگەن ئۇنىۋېرسىتېتى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت، سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور داۋىد بروپھي قاتارلىق كىشىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
دوكتور شان روبېرتسون 2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن يېڭى تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىلىم ئادەملىرىنىڭ كۆپ ساندا ئوخشىمايدىغان تېمىلاردا ئىلمىي دوكلاتلىرىنى سۇنۇپ، كەڭ تېمىلاردا يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن يىغىننى خۇلاسىلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر تەتقىقات يىغىنىغا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلغان بولۇپ، يىغىننىڭ بىريۇسسېلدىكى لېبرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىسمى 17 - 18 - نويابىر كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىككىگە بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا جەمئىي 45 ئەتراپىدا تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە زىيالىي قاتناشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.