ئۇيغۇرلار «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ 16 يىللىق خاتىرىسىدە نېمىلەرنى سەمىمىزگە سالىدۇ

0:00 / 0:00

بۈگۈن 11-سېنتەبىر، دۈشەنبە. ھەر يىلى بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىلىقلار شۇ قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئۇلارنى خاتىرىلەيدۇ. بۈگۈن ئەتىگەن نيۇ-يورك شەھىرى، پېنسىلۋانىيە شتاتى ۋە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، 2001‏-يىلى يۈز بەرگەن «11سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ 16 يىللىقىنى خاتىرىلەندى. مۇراسىمغا تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 3000 يېقىن قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-يارەنلىرى، ۋەقەدە ھايات قالغانلار ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىلدى.دۇنيا سودا مەركىزى، بەشبۇرجەكلىك بىنا ۋە شەنكىسۋېلدىكى «11‏-سېنتەبىر» خاتىرە مۇنارلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا بۇرۇنقىغا ئوخشاش قۇربانلارنىڭ ئىسمى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ ئۆتۈلدى. بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا پرېزىدېنت ترامپ، شەنكىسۋېلدىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا مۇئاۋىن پرېزىدېنت پېنس ئىشتىراك قىلدى.

بۈگۈن نيۇ-يوركتا تېررورىستلار تەرىپىدىن قاچۇرۇلغان ئايروپىلان سوقۇلۇپ ئۇچ مىڭلارچە بىگۇناھ ئىنسان بىلەن تەڭ يوق قىلىنغان دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ ئورنىغا ياسىلىۋاتقان «11-سېنتەبىر دۆلەت مۇزېيى» دا، شۇ قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئىنساننىڭ ئىسىملىرى بىرمۇ بىر ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلارغا ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈلدى. دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلار ئىچىدە دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ 96-قەۋىتىدە ئىشلەيدىغان گۆھەر سېيىت مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر قىزىمۇ بار ئىدى.

16 يىلدىن بۇيان نيۇ-يوركتىكى قوش كېزەك بىنا چۈشۈپ كەتكەن نۆل نۇقتىدا ئوخشاش جايدا ئوخشاش ۋاقىتتا گۆھەرنىڭ ئانىسى پەرىدە ھەدە بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرى ئىچىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر قىزى بولغان گۆھەرنى ئەسلەپ ئۇزۇن دۇئالار قىلدى. كۆز ياشلىرىنى تېخى توختاتمىغان بۇ سەبرلىك ئانا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن يەنە ئوخشاش يۈرەك پارىسى گۆھەرگە ۋە زۇلۇم چېكىۋاتقان بىھۇدە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋە بارلىق بىگۇناھ ئىنسانلارغا ئۇزۇن ئۇزۇن دۇئا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ تېررورلۇق پاجىئەسى يۈز بەرگىلى 16 يىل بولدى، قىزىم كەتتى، بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن ئائىلىلەر بۇ ۋەقەنىڭ قالدۇرغان ئازابىنى چېكىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھازىرغىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋەتىنىمىزدە، مىسىردا، سۈرىيەدە، دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە بۇنداق پاجىئەلەر تۈگىمىدى. ياش-ياش بالىلىرىمىز، بىگۇناھ ئىنسانلار قۇربان بولۇۋاتىدۇ. بۈگۈن قىزىمنىلا ئەمەس، شۇلارنى ئويلىدىم، قانداقمۇ ئويلىماي تۇرالايمەن، خاتىرجەملىك ھەممىگە كېرەك، بۇنداق پاجىئەلەرنىڭ ئەمدى يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلدىم،» دېدى.

ئون بىرىنچى سېنتەبىر قۇربانلىرى تىزىمىگە ئېلىنغان گۆھەر سېيىت مۇھەممەت بۇ ۋەقەدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تېررورلۇقنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن سىرت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ بىۋاسىتە قۇربانى بولغاندىن سىرت ۋاسىتىلىك قۇربانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە غايىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى ئېتىقادى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى پىكىرلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى قوللانغان تەدبىرلىرىنى ئاقلاۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئون بىرىنچى سېنتەبىر خاتىرە كۈنىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، ئۇيغۇرلار، بۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك قۇربانى دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىدى ۋە بۈگۈنكىدەك «11-سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسى» نى خاتىرىلەۋاتقان مۇھىم پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بىر ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«11-سېنتەبىر ۋەقەسى» ئامېرىكا تارىخىدىكىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا تارىخىدىكى بىر زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ۋەقە بىلەن تەڭ، ئامېرىكا خەلقئارانى تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» ئامېرىكا تۇپرىقىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارمۇ مانا مۇشۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ئەڭ ئېغىر قۇربان بەرگۈچىلەرگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ سىياسىي ھەرىكىتىنى ۋە ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت كۆز قارىشى ئوخشىمىغان كىشىلەرنى باستۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سىياسىي كۆز قارشى ئوخشىمىغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى ۋە زەربە بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ كەلگەندىن سىرت، خەلقئارا خەۋەر ۋە ئانالىزلىرىدا شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دوكلات ۋە باياناتلىرىدىمۇ خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۆكتىچىلىكىنى «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» دېگەن نام ئاستىدا جازالاۋاتقانلىقىنى، 2013 ۋە 2014-يىللىرى ئارىسىدا تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋاسىتىسى قوللانمىغان 592 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يۇقىرىقىدەك جىنايەتلەر بىلەن سوتقا تارتىلىپ، جازالانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۈگۈن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئەڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇۋاتقان بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندىن باشقا 2016-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنى ئىجرا قىلىش چارىلىرى ئارقىلىق تىنچ يوللار ئارقىلىق خىتاي سىياسىتىگە قارشى چىققۇچىلارنىمۇ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇشنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلغان.