3-فېۋرال كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «ئارزۇم» رېستورانىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار 1997-يىل 5-فېۋرالدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشىنىڭ خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇش ۋەقەسىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ قازاقىستان بويىچە ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ 150 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى. ئالدى بىلەن ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، ياش پائالىيەتچى ئىسلام يۈسۈپوف 1997-يىل 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى، دىنىي زات بەخىتجان ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھنىڭ ئۆمۈر بايانى ھەققىدە دوكلات قىلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى، دىنىي تەقىبلەشلەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئازتېكىن ئىبراھىموف ئۆز سۆزىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە قازاقىستان پۇقراسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ، دىنىنىڭ، دىلىنىڭ قېرىنداش قازاق خەلقى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ، ئۇ ئانىلارنىڭ مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغانلارنىڭ ئانىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ژۇرنالىست نايىلەم ھەمرايېۋا 1997-يىلى، 5-فېۋرالدا غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەدەنىي مىراسى-مەشرەپنى تەرغىب قىلغان ياشلارنى تەقىبلەپ، بۇ ياشلارنى قوللاپ، تىنچ نامايىشقا چىققانلارنى ئوققا تۇتقان خىتاي دائىرىلىرىنى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالمۇتا شەھىرى تۇرغۇنى قۇربانجان تۇرغانوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ئۆتۈۋاتقان مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئۇنتۇماسلىقتۇر.
قۇربانجان تۇرغانوف چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك سەپكە كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى خەلقئارا تەشكىلاتلارغا، باشقىمۇ خەلقلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىنماي ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.