«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.02.05
2018-5-fewral-myunxen-namayish-01.JPG

ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2018-يىلى 5-فېۋرال. ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

2018-5-fewral-myunxen-namayish-02.JPG

ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2018-يىلى 5-فېۋرال. ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

2018-5-fewral-myunxen-namayish-03.JPG

ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2018-يىلى 5-فېۋرال. ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

2018-5-fewral-myunxen-namayish-04.JPG

ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2018-يىلى 5-فېۋرال. ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

2018-5-fewral-myunxen-namayish-05.JPG

ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2018-يىلى 5-فېۋرال. ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

2018-5-fewral-myunxen-namayish-06.JPG

ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2018-يىلى 5-فېۋرال. ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

بۈگۈن، يەنى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا توپلىنىپ، خىتايغا قارشى ھەيۋەتلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە بىرقىسىم تۈركلەر 5-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىش بۇنىڭدىن 21 يىل مۇقەددەم يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار بىلەن باشلاندى.

نامايىش مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، ھەر يىلى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۆرۈر بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ «فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەپ ھەر يىلى نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان زىبىبۇللاھ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە بېرىدىغان تەسىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زور بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نامايىشقا ئەرلەردىن باشقا يەنە كۆپ ساندا بالىلار ھەم ئاياللارمۇ قاتناشقان ئىدى. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغىچە غەزەپلىك شوئار سادالىرى بىر ئالدى. نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا جەۋلان قىلىپ تۇرغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ياشلار يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن گېرمانلارغا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» توغرىسىدا ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.