«-5فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق نامايىش ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ نامايىشقا 8 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلار بىردەك «ئىشغالچى قىزىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!»، «ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىمىز»، «شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرىيەت»، «شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان»، «تۈركىيە ئۇخلىما، شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىق!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.
نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ۋاكالىتەن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل بايانات ئېلان قىلدى.
دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىدە «-5فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە يۈزلەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇ، ھازىر خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان بىر خىل ئۈستى ئوچۇق جازا لاگېرىغا ئايلاندۇرۇلدى. تۈرمىلەر سىرتىدا مىليونلارچە كىشى ئاتالمىش ‹تەربىيىلەش مەركىزى› نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولانماقتا. بۇ جازا لاگېرلىرىدا دىنى ئالىملىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز، بىلىم ئىگىلىرىمىز، يازغۇچى-سەنئەتچىلىرىمىز، سودا-سانائەتچىلىرىمىز ۋە بايلىرىمىز تۇتۇلۇپ قامالدى. بۈيۈك دىنى ئالىملىرىمىز ئارقا-ئارقىدىن تۈرمىلەردە شېھىت قىلىنىۋاتىدۇ، خىتاي بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئىمتىيازىنى قوللىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا تۆھمەت چاپلاش، قارىلاش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۇلارنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە ‹تېررورچى› قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.»
دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلىشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىتاي زۇلۇمى دەرھال توختىلىشى كېرەك. تايلاند ۋە مىسىردا تۇتۇلغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باشتا تۈركىيە قاتارلىق تۈرك-ئىسلام دۇنياسى، دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەر، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارغا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە ئۇلارنى خىتايغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىق قىلىمىز.»
كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۈلەنت ماشائوغلى، ئالپئەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى كۇرشاد مىجان، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ھەبىبۇللا كۈسەنى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.
نامايىش جەريانىدا تۈرك ساقچىلىرى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يولنى توسۇپ توساق قۇرغان بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار توسۇقنى بۆسۈپ خىتاي كونسۇلخانىسىغا كىرىشكە ئۇرۇندى. ئەمما نامايىش تەشكىللىگۈچى مەسئۇللارنىڭ چاقىرىق قىلىشى بىلەن پەسكويغا چۈشتى.
2 سائەت داۋام قىلغان نامايىشتا «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ مەسئۇللىرى تۈرك ساقچىلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىنلىشىپ، دەرۋازا ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. قارا چەمبىرەك قويۇش تۈركىيەدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ئەيىبلەش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئادىل ئىشان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ پائالىيەتكە 8000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ۋە تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان بىر مەيدان نامايىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئادىل ئىشان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق كۆپ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايغا قارشى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بىر نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.