بۈگۈن، يەنى 5-فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلدى. نامايىش بۇنىڭدىن 21 يىل بۇرۇنقى، يەنى 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى ئەسلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن باشلاندى.
نامايىشنى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىدى. نامايىشقا يەنە شىۋېتسىيەدىكى قېرىنداش تۈرك جەمئىيەتلىرىدىن ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى، «ئۆلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى، «مىللىي گۆرۇش» تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى، شىۋېتسىيە ئەزەربەيجانلىقلار جەمئىيىتى، كافكاسىيا ئىنگۇش ۋە نوغاي جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
بۇ نامايىش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە باشلىنىپ 4:00 دە ئاخىرلاشتى.
نامايىش جەريانىدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى، ئۇيۇشمىنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى ۋە ئۇيۇشمىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى تۇرغۇن ھېمىت ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.