بىرقانچە كۈندىن بېرى تۈركىيەدىكى نۇرغۇن گېزىتلەر، تېلېۋىزىيە قاناللىرى، تور بەتلەر، ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشلىرى ۋە دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ روھىغا ئاتاپ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ۋە ئىنكاسلار تارقاتتى.
تۈركىيەدىكى چوڭ گېزىتلەر مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ۋاپاتى، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارغا باش بەتتىن ئورۇن بەردى.
«يېڭى ئاقىت» گېزىتىدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى توغرىلىق نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى» دېگەن تېمىدا، «بېياز گۈندەم» ناملىق تور گېزىتىدە «ئۇيغۇر تۈركلىرى خىتاي بېسىمى ئاستىدا پەرياد قىلماقتا» دېگەن ماۋزۇدا، «دۇنيا گۈندەمى» ناملىق گېزىتتە «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇھەممەد سالىھ ئۈچۈن كۆز يېشى تۆكمەكتە»، «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن كىملەر كۆز يېشى تۆكىدۇ» دېگەن تېمىلاردا، «مىللەت گېزىتى» دە «غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى» دېگەن تېمىدا، «يېڭى خەبەردەن» تور گېزىتىنىڭ 8-چېسلادىكى سانىدا ئوبزورچى سەنان كازىموغلۇ ئەپەندى يازغان «خىتايدا 1997-يىلى 5-فېۋرالدا يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق ئوبزورى ئېلان قىلىندى. ئوبزورچى يۈجەل تاناي يازغان «ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدىكى ئوبزورى «يەنىدەن ئەرگەنەقون» ناملىق تور گېزىتىدە، «تۈرك تېمە» گېزىتىدە بولسا «قەشقەردىكى لاگېردا 120 مىڭ ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ بۇندىن 21 يىل ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن، يەنى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە بىر قېتىم قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنغان. 2016-يىلى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش دولقۇنىنىڭ باشلانغانلىقى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا 500 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
سەنان كازىموغلۇ «خىتاي 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى ئېلىپ بارغان غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا «غۇلجا ۋەقەسى» توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: «بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلغان خىتاي ھازىرغىچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرماقتا. تۈرمە ۋە لاگېرلاردا خىتاينىڭ بۇ بېسىمىغا چىدىيالمىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلماقتا. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىمى مۇھەممەد سالىھ ھاجى ئۆتكەن ھەپتە لاگېردا شېھىت بولدى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە كۆڭۈل بۆلەيلى.»
5-فېۋرال كۈنىدىن بېرى تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا «غۇلجا ۋەقەسى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان خەۋەر، ئوبزور ۋە ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئوبزورچى يۈجەل تاناي ئەپەندى ۋە قەھرىمانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ئىپارخان ئۇيغۇر بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
يۈجەل تاناي ئەپەندى، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ دەۋا ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنى داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ تۈرك مەتبۇئاتلىرى بۇنى داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك. ئەپسۇسكى، دۆلىتىمىزدە بىز ئارزۇ قىلغاندەك بولمايۋاتىدۇ. مەزكۇر ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش ۋاقتىدىلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىپ قالماستىن، بۇ مەسىلىگە داۋاملىق ھالدا ئاخباراتلاردا ئورۇن بېرىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.»
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ئۈچۈن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ جامائەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن شۇنداقلا ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇنىڭدىن دەل 21 يىل بۇرۇن «غۇلجا ۋەقەسى» توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندا مىڭلىغان كىشىلەر ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە يىغىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغىچە پىيادە بېرىپ، نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دەك بۇنداق ئالاھىدە كۈنلەرنى كەڭ-كۆلەمدە خاتىرىلەشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا غايىبانە جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار گېزىتلەردىن سىرت FOX TV ،TRT TV ،CNN Türk قاتارلىق قاناللاردىمۇ خەۋەر قىلىندى.