«54-نۆۋەتلىك دۇنيا خەۋپسىزلىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ميۇنخېندا باشلاندى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇنيا خەۋپسىزلىكى مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ 54-نۆۋەتلىكى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 16-فېۋرال چۈش سائەت 12:07 ئۆتكەندە باشلانغان. يىغىنغا يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن 500 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى، 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ پرېزىدېنت ياكى ئالىي دەرىجىلىك مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇزاكىرە قىلىدىغان غول تېمىسى - دۇنيا ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي كرىزىس، ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار، دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، 3 كۈن جەريانىدا 30 قېتىم مەخسۇس مۇزاكىرە يىغىنى بولىدىكەن. 120 قېتىم نۇتۇق سۆزلىنىدىكەن. ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى ئارىسىدا 2000 قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ ئۆتىدىكەن. دوست ۋە دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يىغىندا ئەركىن بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارالايدىكەن.

يىغىن چاقىرىلغان «باۋارىيە مېھمانسارىيى» بۇ يىغىن ئۈچۈن 340 ئېغىز ياتاق، 40 يىغىن زالى، 950 مۇلازىمەتچى ئاجراتقان. شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بولسا يىغىننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 4 مىڭ ساقچى ئاجراتقان. «باۋارىيە مېھمانسارىيى» ئالدىدىكى كوچا تولۇق قامال قىلىنغان.
پەرەز قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا پەقەتلا «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى بىرلىك» ناملىق تەشكىلاتنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىغان نامايىش ھەرىكەتلىرى بولۇپ ئۆتىدىكەن. ئەمما نامايىش يىغىن مەيدانىدىن يىراق بىر جايدا تىنچ ئۇسۇلدا، ئاۋازسىز ئېلىپ بېرىلىدىكەن ۋە يىغىنغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن.
ئۆتكەن يىلى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنىغا دۆلەت 31 مىڭ نەپەر بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى ئاجراتقان بولسىمۇ، يۈزمىڭلىغان نامايىشچىلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن ھەمدە ئېغىر بۇزۇپ-چېقىش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «بۇ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزەمدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ يىغىن مەيدانىغا يېقىن يولىغىلى بولمىغاچقا ھەمدە ساقچى تەرەپ نامايىشقا رۇخسەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن د ئۇ ق نىڭ بۇ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۇيۇشتۇرمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خەۋەرلەردە ئەسكەرتىلىشىچە، «54-نۆۋەتلىك دۇنيا خەۋپسىزلىكى يىغىنى» نى «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە يىغىنى جەمئىيىتى» تەشكىللىگەن. بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا 2 مىليون ياۋرو ئىقتىساد سەرپ قىلىنىدىكەن. بۇ چىقىمنى مەزكۇر جەمئىيەت ئۈستىگە ئالغان. دۆلەت ۋە سودا-سانائەت ساھەسى بۇ چىقىمنىڭ مەلۇم قىسمىغا ياردەم قىلىدىكەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، «يىغىن جەريانىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ياكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە، يىغىن خاتىرىسى داۋاملىق مەخپىي ساقلىنىدىغان بولغاچ بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى.

«ميۇنخېن خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە يىغىنى» نى 1963-يىلى گېرمانىيەلىك نەشرىيات سودىگىرى ئېۋالد فون كلايىس بىلەن فىزىكا ئالىمى ئېدۋارد تېللېر تەشكىللىگەن. دەسلەپكى نامى «خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە يىغىنى» دەپ ئاتالغان. كېيىن «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە يىغىنى» ياكى «دۇنيا خەۋپسىزلىكى مۇھاكىمە يىغىنى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ يىغىن ھەر يىلى پەقەتلا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 3 كۈن داۋاملىشىدىغان، خەلقئارادىكى بىردىن-بىر دۇنيا خەۋپسىزلىكى مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.