9-نۆۋەتلىك قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلماقچى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ 9-نۆۋەتلىكى 8-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن باشلانماقچى. مەزكۇر يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان ۋەكىللەر كېلىشكە باشلىغان. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىمۇ تارقىتىلغان.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇلى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە 15 تېما ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، يىغىن ئەھلىلىرى ھەر قايسى تېمىلار توغرىسىدىكى تەلەپ-پىكىرلىرىنى، كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدىكەن. بۇ ئارقىلىق يىغىندا دەۋانىڭ يېڭى بىر پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىدىكەن.

مەزكۇر ئۇچرىشىش توغرىسىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا 14 دۆلەتتىن 140 كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلار قاتتىق ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇنداق بىر ئۇچرىشىشنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ يىلقى ئۇچرىشىشنىڭ چوڭ تېمىسى «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان مۈجادىلىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يول خەرىتىسى» بولۇپ، بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا 15 تېمىدا دوكلات بېرىش ۋە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئاساسىي تېمىلار: «خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەھلىلى، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىدە قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش، ئاسىيا ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنىڭ يوللىرى، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى، خەلقئارالىق كېڭەش ھەيئىتىنى قۇرۇپ چىقىش، ئۇيغۇرلارغا ئورتاق ۋە ئۇچۇر مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىش، مېدىيا گۇرۇپپىلىرى ۋە داڭلىق ژۇرنالىستلار بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى، شەرقىي تۈركىستان مۈجادىلىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك باسقۇچلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مىللىي مەپكۇرە ۋە ئاڭنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن مۇلاھىزە ۋە ئەمەلىي لايىھەلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە» لەردىن ئىبارەت.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىن كېلىپ ئۇچرىشىشقا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەپەندى بۇ يىغىنلارغا 4 قېتىم قاتناشقانلىقىنى، مەزكۇر يىغىننىڭ دەۋا ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

9 يىلدىن بېرى ھەر يىلى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابلەت ئابدۇرېھىم ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ دەۋادا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىكىر بىرلىكىنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنقەرەدىكى خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە قارىغاندا خەلقئارا سەۋىيەدە بىر يىغىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ 9-نۆۋەتلىكى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە ئىستانبۇل شەھىرىگە يېقىن سىلىۋرە دېگەن يەردىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.