ماركو رۇبىيو: «ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىشى لازىم!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بارغانسېرى قەبىھ تۈس ئېلىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تېگىشلىك دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ھالنىڭ بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. 10-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان ماقالىنى ئەنە شۇ ئەھۋالنىڭ ئىنكاسى، دېيىشكە بولىدۇ. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىنى ئەسلىتىدىغان شەيئى بولسىمۇ، ئۇنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا زۇلۇم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىكى باش ھۇجۇم نىشانى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئۇ يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى «شىمالىي كورېيەدىكى ساقچى دۆلىتى ياكى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئاساس قىلىنغان ‹ئاپارتېيد› تۈزۈمىگە ئوخشايدۇ» دېگەن تەسۋىرىگە تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مۇشۇ تېما بويىچە 26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىمۇ مۇشۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى.

«بىرنەچچە ئايدىن بۇيانقى ئىشەنچلىك مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا مۇشۇ رايوندىن (ئۇيغۇرلار دىيارىدىن) 800 مىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان كىشى ‹سىياسىي قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› گە ياكى شۇ ناملىق لاگېرلارغا قامالغان. بۇ جايلارغا تىكەنلىك سىم توسۇق، ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، باشقۇرۇلىدىغان دەرۋازىلار ۋە تولۇق قوراللىق قاراۋۇللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ مەركەزلەر ۋە لاگېرلارغا يەنە كۆپلىگەن بىخەتەرلىك خادىملىرى سەپلەنگەن. بۇ جايلارغا قامالغانلارنى قىيناش، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش تەلىپىنى رەت قىلىش، يالغۇز كىشىلىك كامېرلارغا قاماش، ئۇخلاتماسلىق، سوغۇقتا كىيىمسىز قالدۇرۇش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان خورلاش قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.»

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ يەر شارى مىقياسىدا ئۆزىنى «مېھرى-شەپقەتنىڭ كانى» قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن زادىلا سىغىشالمايدىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيىلەش» ھەققىدە قىلغان بەزى قەبىھ سۆزلىرى ھازىر ۋەزىيەتنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەلۇم بىر مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى لاگېرلارغا قامىۋېلىش ھادىسىسىنىڭ بىر نىشانى بۇ كىشىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئوي-پىكرىنى يېڭىۋاشتىن ھاسىل قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكىنى قايتا بەرپا قىلىش بولماقتا. نۆۋەتتە بولسا بۇ خىل لاگېرلار ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپ ياكى ھۆججەتلەر بولمىغان ئەھۋالدا شىددەت بىلەن كېڭەيمەكتە. بۇ جايلارغا قامالغانلاردىن ئۆزلىرى سۆيگەن كىشىلەرنى ۋە شەيئىلەرنى ئىنكار قىلغانلار مۇكاپاتلانماقتا. بۇنداق قىلىشنى رەت قىلغانلار بولسا جازالانماقتا، يالغۇز كىشىلىك كامېرلارغا قامىلىپ دۇمبالانماقتا، ئاچ قويۇلماقتا. يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى بولسا ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى مۇشۇنداق خالىغانچە تۇتۇپ، لاگېرلارغا قاماشنى ئادەمنىڭ تېنى شۈركۈنگۈدەك قىلىپ ‹ئۆسمىنى كېسىپ تاشلاش›، ‹زىرائەتكە خىمىيىۋى ئوغۇت چېچىپ زەھەرلىك ئوت-چۆپلەرنى يوقىتىش› دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلىمەكتە.»

ماركو رۇبىيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ ھادىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما، سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ خىل لاگېرلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى نازارەت قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە بۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى بۇ لاگېرلاردىن ھالقىپ، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ نىشان قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جايلاردىكى تۇتقۇنلارنى ‹تەربىيىلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش› (ئۇلار مۇشۇنداق ئاتىۋالغان) نىڭ نىشانى مۇشۇنىڭ بىلەنلا تۈگىگىنى يوق. بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىمۇ دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇلار مەجبۇرىي بولغان ‹ئۆيدە بىللە ياشاش›نى يولغا قويۇپ، كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بىللە ياشاشقا ئەۋەتىۋاتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش خىزمىتى بولسا غايەت زور نازارەت مېخانىزمىنىڭ ياردىمىدە بەدەن تەكشۈرۈش، گېن ئەۋرىشكىسىنى يىغىش، ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنى يىغىش شەكلىدە توپلىنىۋاتىدۇ. چىراي تونۇش تېخنىكىسى سەپلەنگەن نازارەت كامېرالىرى بولسا ئۇيغۇرلار ياشايدىغان جايلاردىكى يوللارغا ۋە پويىز ئىستانسىلىرىغا كۆپلەپ ئورنىتىلىۋاتىدۇ. خىتايدىكى ئىككى چوڭ شىركەت بولغان Hikvision ۋە Dahua تېخنولوگىيە سودىسىدىن غايەت زور مىقداردا پايدا ئېلىۋاتىدۇ. بۇ شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى، جۈملىدىن نازارەت كامېرالىرىنى ئورنىتىش جەريانىدا غايەت زور كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر مىليارد ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق خىزمەت توختامى تۈزگەن. بۇلارغا قوشۇلۇپ ھازىر ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى›مۇ بۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئويناۋاتىدۇ. بۇ قويۇق تور شەكلىنى ئالغان قۇرۇلۇشتا كوچا بۇلۇڭلىرى، يېزىلار ۋە مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا مۇشۇنداق ساقچى پونكىتلىرى بەرپا قىلىنىپ، شۇ جايلاردىكى كىشىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىش ۋە ئىدارە قىلىش رولىنى ئويناۋاتىدۇ.»

ماركو رۇبىيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ ئاساسىي قۇربانلىرى ئۇيغۇرلار بولماقتا ئىكەن. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي نوپۇسىدىن غايەت زور دەرىجىدە ئاز بولسىمۇ، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەدلىيە سىستېمىسىدىن مەلۇم بولغان مەلۇماتلار ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق رەۋىشتە ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «تېخى يېقىندىلا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كىشىلەرنى ئاشكارا ئانىي تېپىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ: ئۇيغۇر ئاياللىرى كوچىلاردا مېڭىپ يۈرگەندە ئۇلارنىڭ يوپكىلىرىنى، ھەتتا ئۇزۇن كۆڭلەكلىرىنى ئۇلار كۆرگەنلا يەردە كېسىپ تاشلاۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشنى ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ تېخى تۈنۈگۈنلا مەلۇم بولغان دوكلاتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدە خىتاي بويىچە قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ 21 پىرسەنتى شىنجاڭدا ئىكەن. ئەمما بۇ جاينىڭ نوپۇسى پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر يېرىم پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېمەك خىتايدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 21 پىرسەنتى ئاشۇ ئومۇمى نوپۇسنىڭ بىر يېرىم پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان خەلققە مەركەزلەشكەن. شىنجاڭدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 731 پىرسەنت ئاشقان. ھالبۇكى بۇ سان قانۇنسىز رەۋىشتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ‹سىياسىي قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› دېگەن جايلارغا يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى مەنپەئەتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭ بىر روشەن ئىپادىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ، جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق دۇنيانى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالدۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۇ كرىزىسلارنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى. ئەمما بۇ باشلامچىلىق كۆپلىگەن بەدەللەر ھېسابىغا ئىشقا ئاشتى. شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەممىدىنمۇ بەكرەك ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنىڭ نەچچە ئونلىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، شۇنىڭدەك تونۇلغان سىياسىي پائالىيەتچى رابىيە قادىرنىڭ نەچچە ئونلىغان ئۇرۇق-تۇغقىنى قولغا ئېلىندى. روشەنكى خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇ ئارقىلىق ئاخباراتچىلىق ۋە ھەق-ھوقۇق داۋاسىنى ئوڭايلا جىمىقتۇرىۋەتمەكچى بولدى.»

ماركو رۇبىيونى ھەممىدىنمۇ بەك تەشۋىشكە سېلىۋاتقىنى پۈتۈن دۇنيا يۇغۇرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بەختىيار ۋە گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋاسىتىلەرنى زۇلۇم ئۈچۈن ئاكتىپلىق ئىشلىتىشى ئىكەن.

«بۇنى بىر تۈرلۈك ئاممىۋى كونتروللۇق ۋە زۇلۇم، دەپ تەسۋىرلەشكىمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى 20-ئەسىردە قوللىنىلغان تېخنىكىلار ئىدى. ئەمما بۇلار ھازىرمۇ قوللىنىلىۋاتىدۇ. 21-ئەسىردە بولسا پەن-تېخنىكا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، بۇ خىل نازارەتكە يېڭىدىن ھەمدەمدە بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالساق خىتاي ھۆكۈمىتى نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىققاندا ئالاھىدە قىلىپ شىنجاڭ رايونىدا چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە نازارەت كامېرالىرىنى كوچا-كويلارغا، مەھەللىلەرگە، بېكەتلەرگە ۋە پويىز ئىستانسىلىرىغا ئورنىتىش بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ يانفونى، كومپيۇتېرى ۋە باشقا خۇسۇسىي مۈلكىدىن شۇ كىشىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ماشىنا تاختا نومۇرى، كىملىك نومۇرى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرى، تەپسىلىي بانكا ھېساباتى، چەتئەللەرگە سەپەر قىلىش ئەھۋالى دېگەنلەر يىغىۋېلىندى. ئەمما مۇشۇ ۋاستىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى: مۇشۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى توپلاش ئارقىلىق ئۇلار ‹بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى›نى ماڭدۇردى. بۇ سۇپىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمى بويىچە توپلانغان ماتېرىياللار ئاساسىدا كىمنى تەكشۈرۈش، كىمنى تۇتۇش، كىمنى لاگېرغا سولاش دېگەنلەرنى ماشىنا ئارقىلىق بېكىتىپ چىقتى. مۇشۇ خىلدىكى پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ چىقىپ شۇ ئاساستا كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ئۇچىغا چىققان بىشەملىك. ھالبۇكى 21-ئەسىرگە مۇجەسسەملەنگەن بىر مۇھىم مەزمۇن بۇ ئەسىرنىڭ تەقلىدىي ئەقىل ئەسىرى بولۇش ئىدى. ئىنسانلار مۇشۇ شەكلىدە ئۇچۇرلارنى توپلاش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ تاكامۇللۇققا يۈكسەلدۈرۈشى لازىم ئىدى.»

ماركو رۇبىيو ماقالىسىدە «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېن چۇەنگوغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سودا ساھەسىدىكى كاتتىۋاشلارغا تەتبىقلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر ئامېرىكا تۇپرىقىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ساھەسىنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا ئامېرىكىغا بېرىش ۋىزىسى بەرمەسلىكنى تەكلىپ قىلىدۇ.

ماركو رۇبىيونىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىشى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا لازىملىق «مۇقىملىق» ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. گەرچە بۇ كرىزىسنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكىنىڭ ئورۇنباسار پرېزىدېنتى مايك پېنس كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان بولسىمۇ نۆۋەتتە ھەممىدىنمۇ بەك زۆرۈر بولۇۋاتقىنى ئەمىلى ھەرىكەت ئىكەن. بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى تېخىمۇ زۆرۈر ئىكەن. چۈنكى «ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى» ياكى باشقا كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىشنى تاللىۋالغان ئىكەن. ئەگەر ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە قاتتىقراق تۇرالىسا بۇ دۆلەتلەرمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن.