گېرمانىيەدە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00


24-دېكابىر د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى باش شىتابىدا 22-دېكابىر ئىستانبۇلدا قازا قىلغان دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىغا يۇقىرى باھالار بېرىلىپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئۆلۈمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى زور قايغۇغا ئەسىر قىلغان ئىدى.

پائالىيەتكە د ئۇ ق، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە مىيۇنخېندىكى بىر قىسىم دىنىي زاتلار، ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. 2 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە مەرھۇمنىڭ سەپداشلىرى، تالىپلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلار ئۇنىڭ ھايات كەچمىشلىرى، كىشىلىك پەزىلىتى، بىلىم قۇرۇلمىسى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى باھالاپ، ئەسلەپ ئۆتۈشتى ھەمدە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى.

گېرمانىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن ئابدۇجېلىل قارىھاجىم ئالدى بىلەن مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ساناقلىق بىرقانچە مەشھۇر دىنىي ئۆلىمانىڭ بىرى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئارقىدىن ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆز ئېلىپ، مەرھۇمغا يۇقىرى باھا بەردى.

گېرمانىيەدە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھايات پائاليەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ دىنىي ۋە ئىلمىي زىيالىلارنى بىر ئارىغا كەلتۈرۈشتە كۆرسەتكەن زور خىزمەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ مەرھۇم بىلەن بولغان ئىلگىرىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى ئىپادىلىدى.

پائالىيەت خاتىمىسىدە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. ئاخىرىدا خەيىرلىك دۇئالار بىلەن بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشتى.