شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇيۇقسىزلا ۋاقىتسىز بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. 12-ئاينىڭ 23-كۈنى مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى زەيتىنبۇرنۇ ئامىنە ئىنانچ جامئىدە ئوقۇلدى ۋە زەيتىنبۇردىكى كوزلۇ مازارلىقىغىدا يەرلىكىگە قويۇلدى.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوغلى ئابدۇسالام قارىم ئىمام بولۇپ ئوقۇدى. جىنازا نامىزىغا، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى، دىنى ئۆلىمالار، دوكتۇر-پروفېسسۇرلار، زىيالىيىلار، ياشلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى بولۇپ 2000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
جىنازا نامىزىغا يەنە زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن، سابىق پارلامېنت ئەزاسى جالال ئەرباي، تۈركىيە باش مىنىستىرنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۆمەر فارۇق قورقماز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيت تۇمتۈرك، ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتىسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرگە مەرھۇمنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىنى سەپداشلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا گېرمانىيە، شۋېتسىيە، نورۋىگىيە، گوللاندىيە، سەئۇدىي ئەرەبستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتى بويىچە ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، بىرلىك ھاسىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى، ھەر زامان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن يولدىن مېڭىش ھايات قالغانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە دەپ بىلىدىغانلىقى ۋە مەرھۇمنىڭ يولىدا مېڭىپ ۋەتەن خەلق ئۈچۈن نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
پروفېسسور جەلال ئەرباينىڭ مەرھۇم ھەققىدىكى تەسىرلىك دۇئاسىدىن كېيىن ئېرىگەن قەلبلەر، ياشلانغان كۆزلەر، غەمكىن ۋە مۇسىبەتلىك ۋۇجۇدلار يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن ئۇستازنىڭ جىنازىسىنى قولمۇ-قول كۆتۈرۈپ تەكبىر سادالىرى ئىچىدە بىر كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرگىچە ئېلىپ كېلىشتى.
جىنازا نامىزى زەيتىنبۇرنۇدىكى كوزلۇ قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىلدى. مەرھۇمنى يەرلىكىگە قويۇش جەرىيانىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى، روھىغا دۇئا ئوقۇلدى. دىنى ئالىم ئىبراھىم داموللام قەبرە بېشىدا مەرھۇمغا خىتاب قىلىپ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى. ئىبراھىم داموللامنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرىنىڭ ئاڭلىغان قەبرە بېشىدىكىلەر يىغا-زار قىلىشىپ كۆز-ياشلىرىنى تۇتالمىدى. مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت، ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

جىنازا نامىزى مۇراسىمىدا مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئابدۇسالام تەكلىماكان قىسقىچە سۆز قىلىپ دادىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمدىن جامائەتنىڭ رازى بولۇپ كېتىشىنى، ئەگەر ماددى مەنىۋىي مۇئامىلىسى بولسا ئۆزىنىڭ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جامائەت بىردەك رازى بولدۇق، دېدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئاتاۋۇللا شاھيار قاتارلىقلار مەرھۇم ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھايات-ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى.


ئىبراھىم داموللام سۆزىدە يەنە مەرھۇمنىڭ بىر ئارزۇسى بولسا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈچ ھاسىل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋەدە بەردى ۋە كىشىلەردىن ۋەدە ئالدى.
دەپىنە ئىشلىرى تاملىغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە يىغىلىپ دۇئا تىلاۋەت قىلىندى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر مەرھۇم توغرىسىدا يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىشتى.
سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن جىنازا نامىزىغا كەلگەن ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى سۆز قىلىپ، مەرھۇم توغرىسىدا توختالدى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالامىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.