جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا سوئال سورىدى. بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە، ئۆنجە خەلق، گەرچەك گۈندەم قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ج ھ پ پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن ھۆكۈمەتتىن: «ئۇيغۇرلارنى خىتايغا پىدا قىلامسىلەر؟» دەپ سورىدى ماۋزۇلۇق خەۋەرگە ئورۇن بېرىلدى.
گۈرسەل تېكىن ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ ھۆكۈمەتكە ياپچان توغرىسىدا مۇنۇلارنى سورىغان: «تۈركىيەدە 15 يىلدىن بۇيان مۇساپىر سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ۋەتەنداشلىق ھەققى بېرىلمىگەن ئابدۇقادىر ياپچان 8-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇتۇپ كېتىلىپ 40 كۈن ئىستانبۇل مالتەپە تۈرمىسىدە قاماپ قويۇلغان. ياپچان تۈركىيە سوت ئىدارىسى تەرىپىدىن بىگۇناھ دەپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ھازىر كۆچ ئىدارىسىنىڭ نازارەتخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. قېرىندىشىمىز ياپچان خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى خالايمىز، دەۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، ياپچاننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى جامائەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا بولدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمغىمۇ ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغان ئىدى.»
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مىللەت ۋەكىلى گۈرسەل تېكىن ئەپەندى پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەندىكىلەرنى سورىغان:
- ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتىكى سەۋەب نېمە؟ ھۆكۈمىتىڭلار شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا ۋە زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشتىن ۋاز كېچەمدۇ؟
- ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بەر دەپ خىتايدىن بىر تەلەپ كەلدىمۇ - يوق؟
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش - كىرمەسلىك مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە كېلىشى بىلەن ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىش ئوتتۇرىسىدا بىر مۇناسىۋەت بارمۇ؟
- رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيەگە كىرگۈزمەسلىك بىلەن ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانداق بىر تەسىر پەيدا قىلىدۇ؟
- ياپچان خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھۆكۈمەت بىلەمدۇ؟
- دۆلىتىمىزدە ئۆز دۆلىتىدە تېررورچى ئېلان قىلىنغان ۋە دائېش بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان تارىق ھاشىمىغا ئوخشاش كىشىلەر بىمالال ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ياپچان نېمە ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ؟
- كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ھۆكۈمەت ياپچانغا ئوخشاش نەچچە كىشىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بەردى؟ قايسى دۆلەتلەرگە قايتۇرۇلدى؟
تۈركچىدە «گەنسورۇ» دېيىلگەن بۇ سوئال ھۆكۈمەتتىن ياكى مىنىستىرلاردىن سورىلىدىغان بولۇپ، قانۇن بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.
بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن بۇ سوئاللار ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.