سايلام ئالدىدا ئافغانىستان ۋەزىيىتى بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە

0:00 / 0:00

7-فېۋرال تۈركىيە «TRT» تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلغان دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپى ماۋزۇلۇق پروگراممىدا ئېيتىلىشىچە، 2004-يىلى ئافغانىستان پارلامېنتىدا يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن تالىباننى قوللايدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىغان. ھازىر تالىبانلارنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى 2001-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىراقتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئافغانىستان يەنە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ھامىد كارزاى 2001-يىلىدىن بېرى ئافغانىستاندا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە رەھبەر ئىكەن.

ھامىد كارزاى 2004-يىلىدىكى سايلامدا خەلق رايىنىڭ 55.4 پىرسەنتىنى ئېلىپ ئافغانىستاننىڭ 5 يىللىق دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان. 2009-يىلى 8-ئايدىكى سايلامدا كارزائىنىڭ سايلامغا ھىيلە ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن كارزاى ئالغان راي 50 پىرسەنتنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، رەقىبلىرىنىڭ نامزاتلىقتىن چېكىنىشى بىلەن ئىككىنچى قېتىم يەنە دۆلەت رەئىسلىككە سايلانغان. ئەمما كېيىنكى يىللاردا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بىلەن خەمىت كارزاى ئوتتۇرىسىدا يىرىكلىك پەيدا بولغان. ۋەزىيىتى مانا مۇشۇنداق قالايمىقان بولغان ئافغانىستان سايلامغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

بىر ياندا ھەر كۈنى تالىباننىڭ ھۇجۇمى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان كىشىلەر، يەنە بىر ياندا سايلامغا تەييارلىق قىلىۋاتقان دۆلەت رەئىسى نامزاتلىرى، يەنە بىر ياندا كونا چېدىرلاردا ئاچ-يالىڭاچ ياشاشقا مەجبۇر قالغان نامرات ئىنسانلار ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ مۇرەككەپ تۈس بېرىپ تۇرماقتا.

بۇ قېتىمقى دۆلەت رەئىسلىك سايلىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ سايلامدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن تۈزۈلىدىغان بىخەتەرلىك توختامنامىسى نېمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

غازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەمەت سەيفەتتىن ئەرول ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: 2014-يىلىدا ئافغانىستان ئۈچۈن ئىككى مۇھىم ئىش بار. بىرىنچىسى سايلام، ئىككىنچىسى بولسا ئافغانىستاندىن ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ناتو ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىشى. سايلام 2001-يىلىدىن كېيىنكى ئافغانىستاننى قايتا بىنا قىلىش سىياسىتى ئۈچۈن بىر ئىمتىھان. 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئافغانىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرى رەسمىي باشلاندى. دۆلەت رەئىسلىك سايلىمىغا قاتنىشىدىغان 11 نامزات، ئافغانىستاننىڭ 34 ۋىلايىتىدە سايلام تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سايلام كۈنى خەلق بىلەت تاشلايدىغان 7168 يەرنىڭ 414 بىخەتەرلىك تۈپەيلىدىن ئېچىلمايدىكەن. خەلق راي بېرىدىغان 800 يەر تالىباننىڭ خەۋپى ئاستىدا ئىكەن. تالىبان ئافغانىستان جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا داۋاملىق قوراللىق ھۇجۇم ئېلىپ بارماقتا. ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قېتىملىق سايلامنى تىنچ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ھەر بىر نامزاتقا 3تىن ئوق ئۆتمەيدىغان ماشىنا، 35 تىن قوغدىغۇچى بەرگەن. تالىبان ئافغانىستان خەلقىنى سايلامغا قاتناشماسلىققا چاقىرماقتا.

دوكتور مەمەت سەيفەتتىن ئەرول ئەپەندى بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ تېخنىكا ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىنمۇ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بۇ سايلامنىڭ تېخنىكىلىق ئاساسىمۇ يوق. مەسىلەن ھازىرغىچە ئافغانىستاننىڭ نوپۇس سانى ئېنىق ئەمەس. تالىبان كۈچلۈك بولغان جايلاردا سايلام ئېلىپ بارالماسلىقى مۇمكىن. كىشىلەر ئۇنىڭدىنمۇ ئەنسىرىمەكتە. ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆپ ساندا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا قېلىپ ئافغانىستانغا ئارمىيە تەربىيىلەپ بېرىدىكەن. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تۈزەلمىسە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى ئارمىيىلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىدىكەن.

ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئافغانىستان ئارمىيىسىنىڭ قوغدىشى كىشىلەر ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇرات ئالىي مۇرات مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ئارمىيىسى بولماستىن ئافغانىستان ئارمىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جەڭچىلىرى، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئافغانىستان ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئافغانىستاندا ھازىر يەنىلا 97 مىڭ چەتئەللىك ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە 68 مىڭى ئامېرىكىلىق.

«دۇنيا كۈنتەرتىپى» ماۋزۇلۇق پروگراممىدا يەر بېرىلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان توغرىسىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاندا كىشىلەرنىڭ قازا بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 14پىرسەنت كۆپەيگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافغانىستان دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىچكى كۆچۈش بولۇۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ھەر كۈنى تەخمىنەن 400 ئادەم يۇرتىنى تاشلاپ مۇساپىر چېدىرىغا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدىكەن. ئافغانىستاندا 500 مىڭ ئەتراپىدا كىشى توك ۋە سۇ يوق چېدىرلاردا ياشايدىكەن. بۇلارنىڭ كۆپى ئايال ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلار باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ياردەم ۋە تىلەمچىلىك بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن.

ئافغانىستاندا 40 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش مىليونلىغان ئافغاننىڭ چەتئەللەرگە ياكى باشقا يۇرتلارغا كېتىشىگە مەجبۇر قىلغان. پەقەتلا كابېل ئەتراپىدا 50 مىڭ كىشى توك ۋە سۇ يوق چېدىرلاردا ياشايدىكەن. قىش ۋاقتىدا سوغۇق ياز ۋاقتىدا چىدىغۇسىز ئىسسىق بولغان بۇ چېدىرلاردا يۈزلەرچە بوۋاق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلىدىكەن. بۇ يەردە ئىككى سىنىپلىق بىر مەكتەپ بىلەن بىر ئىپتىدائىي شىپاخانا بار ئىكەن. ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئەڭ زور غايىسى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ئىكەن. 1979-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بۈگۈنىگىچە 6 مىليون ئەتراپىدا ئافغانىستانلىق باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتكەن.