ميۇنخېندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاقە بىخەتەرلىكى ئىلمىدىن دەرس ئۆتۈلدى
2013.08.26
گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 24 - ئاۋغۇست باشلانغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاقە بىخەتەرلىكى ئىلمى دەرسى 25 - ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى. دەرسكە قاتناشقانلار خىتاي ھۇجۇمىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا ئائىت بىلىملەردىن ساۋات ئالدى.
مەلۇم دۆلەتتىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قول تېلېفۇن، تور ئالاقسىگە بولغان ھۇجۇملىرى ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ مەخسۇس يۇمتال ئىشلەپچىقارغان بىر شىركەت 23 - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە بىر نەپەر تېخنىك خادىمىنى ئەۋەتىپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەردىن دەرس ئۆتتى. 24 - ئاۋغۇست سەھەر باشلانغان بۇ كۇرس 25 - ئاۋغۇست كەچ سائەت 8:00 بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئۆز شىركىتىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان ۋە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر شىركەتنىڭ تېخنىك خادىمىنىڭ دەرس مۇقەددىمىسىدە ئالدىن ئەسكەرتىشىچە، بۇ شىركەت تور بىخەتەرلىكى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمىتى دۆلەت ھالقىغان چوڭ كارخانىلار، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، بېسىم ئاستىدىكى ئاجىز كۈچلەرگە ياردەم قىلىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان. ئۇيغۇرلارنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پروگراممىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى كۇرستا مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياسالغان ئالاقە بىخەتەرلىكىگە دائىر يۇمتالنى تەقدىم قىلىش ۋە ئالاقە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەردىن دەرس بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
«كۈچلۈك دۈشمەننىڭ ئېلېكترونلۇق رازۋېتكىسى، جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىيەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا ياردىمى تېگىدۇ» دەپ قارالغان مەزكۇر دەرستىكى بىلىملەر: ئىلغار قول تېلېفۇنلىرى ۋە كومپىيۇتېرلارغا خىتاي ۋىرۇسلىرىغا قارشى يۇقىرى ئىقتىدارلىق يۇمتاللارنى قاچىلاش، ئۇيغۇرلار كەڭ قوللىنىۋاتقان سكايپ، فىيىسبوك قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرى، ئەلخەت ئالاقىلىرىدا خەتلەرنى سىفىرلاپ يوللاش تاكتىكىسى ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئۇچۇر ئوغرىلىشىدىن ساقلىنىش، كومپىيۇتېرنىڭ ئادرېسلىرىنى يوشۇرۇش ياكى دۈشمەننى خاتا ئادرىس بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئالاقە بىخەتەرلىكى كۇرسىدا كۆپلىگەن بىلىملەردىن دەرس ئالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە قارىتا خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقە مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ كۇرسقا قاتناشقان ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن ئوسمانجان ئەپەندىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، كۇرستا ھازىرغىچە بىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ناھايىتى ياخشى تېخنىكىلارنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ قېتىمقى كۇرس ھەققىدە تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى قوللىغۇچى دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىسا، بەزىلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن تەربىيىلەۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا تېخنىكىلىك بىلىملەر جەھەتتە ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.