ئالاتاۋ يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى «دېھقان فوندى» قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشتى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى «ئالاتاۋ» يېزىسى يەرلىرىنىڭ مۇنبەتلىكى، سۈيىنىڭ ئەلۋەكلىكى، تەبىئىي مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن تونۇلغان يېزىلارنىڭ بىرى. تاغ باغرىغا جايلاشقان بۇ خىلۋەت يېزىغا ھەر مىللەتتىن بولغان 1200 ئائىلە ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ 170 ئائىلىلىكتىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ پەسلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەھەللە يىگىت بېشى ھەمدە مەسچىت ئىمامى تاھىرھاجىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان «دېھقان فوندى» قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشتى.

تاھىر ھاجىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنداق بىر فوند قۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە ئىش پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى: «بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز 60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ يېزىدا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغانىكەن. شۇندىن بۇيان بىز بۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتىمىز. «دېھقان فوندى» قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز، دېھقانلىرىمىزنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە ھەمدە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت.»

ئالاتاۋ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۇستىسى ھەمراجان مەتنىيازنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكىدەك ماشىنىلاشقان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى شارائىتىدا ھەمكارلىشىپ دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كۆلەملەشكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بازىسى قۇرۇش لازىم. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:«ھازىر قولىمىزدا خېلى كۆپ تېخنىكا بار، بار بولغان بارلىق تراكتور، كومبايىنلارنى بىر يەرگە توپلاپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ رېمونت ئىشلىرىنى قىلىۋالساق، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغاندا ئانچە قىينىلىپ قالمايتتۇق دېگەن ئويۇم بار.»

ئالاتاۋ يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى تاھىر ھاجىم 2015-يىل 15-فېۋىرال بىشكەك
ئالاتاۋ يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى تاھىر ھاجىم 2015-يىل 15-فېۋىرال بىشكەك


يېزا ياشلىرىدىن يىگىت بېشىنىڭ ياردەمچىسى ھاكىمجان ئىبراھىم «دېھقان» فوندى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ھەققىدە توختالدى: «بۇرۇن يەر ھەيدەش ئۈچۈن قوشنا مەھەللىلەرگە بېرىپ تېرەكتۇر سورايتتۇق، ھازىر دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزدە بار بولدى. ئەمدى كۈچىمىزنى بىر قىلىپ فوندنى قۇرۇۋالساقلا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، باشقىلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولاتتى.»

ئالاتاۋ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئەجدادلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئانا تىلنى، ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغان مەشرەپ پائالىيەتلىرى ناھايىتى جانلانغان. ھەمراجان مەتنىياز مەشرەپلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن مەشرەپلەردە تولۇق ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى تۈزۈم قىلىپ بېكىتتۇق.»

ھاكىمجان ئىبراھىم نۆۋەتتە ئالاتاۋ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىگە باشقا مىللەتلەردىن بولغان ياشلارنىڭمۇ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالنىڭ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىگىت بېشى تاھىر ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىدا ئالاتاۋ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پۈتۈن يېزا بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ.