5 - ئىيۇلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان قەبرىستانلىقتا 2009 - يىل 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىگە بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتتى.
قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت تۇردىيېف باشلىنىش سۆزى سۆزلەپ، مەزكۇر مۇراسىمنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خانىم - قىزلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىنى ئامىنەم تۇرغۇنوۋا ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئاقىۋەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە قېلىپلاشقان بۈگۈنكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى. مۇراسىمدا شۇنداقلا قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى قابدېش جۇمادىلوف، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، قىرغىزىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەردىن تۇرسۇن ئىسلام ۋە باشقىلار سۆزلىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى مىزەنگۈل ئاۋامىسىموۋا مۇراسىم ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00