ئالماتادىكى «ئىنايەت» بىرلەشمىسى مەجرۇھ بالىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00


قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى «ئىنايەت» بىرلەشمىسى 2013 - يىلدىن بۇيان مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت، ئىلىم - پەن، تەنھەرىكەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بۇ جەھەتتە ئۇ، ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلەر، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، ئىلىم دەرگاھلىرى، مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت خادىملىرى ۋە باشقىلار بىلەن زىچ ئالاقىدە بىر قاتار ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 10 - ئىيۇندا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «ئاۋات» كافېيخانىسىدا ئۆتتى.

«بىزنىڭ غالىبىيەت» نامىدىكى مەزكۇر رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىگە ھەر مىللەت ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 80دىن ئوشۇق بالا قاتناشتى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئالماتا شەھىرىدىكى مەجرۇھ بالىلارنى ئاسراش مەركەزلىرىنىڭ بالىلىرى بولۇپ، قالغان قىسمىنى ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تالغىر ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىرىدىن كەلگەن بالىلار تەشكىل قىلدى.

«ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ مەجرۇھ بالىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغان ئۇنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھەدىيەم ئەخمەتوۋا مۇنداق دېدى:

«ئىنايەت» بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بېرى، ئۆزىنىڭ ئاساسىي پائالىيىتىدىن تاشقىرى يەنە تالانتلىق مەجرۇھ بالىلارنى ماددىي ۋە مەنىۋىي قوللاش ئىشلىرىنىمۇ ئاكتىپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىرلەشمە ھەر يىلى ئۇلار ئۈچۈن «ئارمان» فېستىۋالى دائىرىسىدە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى، شۇ جۈملىدىن يېڭى يىللىق ئولتۇرۇشلارنى، خەيرىخاھلىق ئىشلىرىنى، كونسېرتلارنى، مۇسابىقىلەرنى ۋە باشقىلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى ئىشىمىزنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، بىز بۇ مەجرۇھ بالىلارنىڭ ئانىلىرىنىمۇ ئۇنۇتماي كېلىۋاتىمىز. ھەر يىلى بىز 8 - مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى ھارپىسىدا ئانىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا بايراملىق گۈلخان ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز. چۈنكى مۇنداق بالىلارنى كۈتۈشنىڭ، ئاسراشنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئەنە شۇ ئانىلارغا چۈشۈۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ياخشى مەلۇم. بالىلار ئارىسىدا رەسىم مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ ئەنە شۇ ئاساسىي ئىشلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. مۇنداق مۇسابىقىلەر ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. دەسلەپكى ئىككى يىلى بىز مۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئالماتا شەھىرىدىكى «ئاتاكېنت» كۆرگەزمە بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىقتا ئۆتكۈزدۇق. مەجرۇھ بالىلار ئاسفالىتتا رەسىم سىزىش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى نامايىش قىلغان ئىدى. بۇ يىلى بولسا بىز مۇنداق مۇسابىقىنى بىنا ئىچىدە ئۆتكۈزدۇق، چۈنكى بالىلارغا ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ رەسىم سىزىش ناھايىتى ئېغىر ئېكەن.»

مۇسابىقىگە قاتناشقان بالىلار ياش جەھەتتىن ئۈچ گۇرۇپپىغا، يەنى 6 ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان كىچىك، 11 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە 17 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان چوڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. رەسىم سىزىشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا مەخسۇس قەغەز ۋە رەڭلىك قېرىنداشلار تارقىتىلىپ، مۇسابىقىگە تەييارلاندى.

ھ. ئەخمەتوۋا مەجرۇھ بالىلار بىلەن ئىشلەشتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان دىققەتنىڭ، مۇناسىۋەتنىڭ ئالاھىدە بولۇش لازىملىقىنى ھەم ھەر بىر بالا بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ جەرياندا كىشىدىن ھەتتا ھەم پېداگوك ياكى پسىخولوگ، ھەم ئاتا - ئانا، ئەڭ ئاساسلىقى ئىنسان بولۇش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھ. ئەخمەتوۋا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ مۇندا دېدى:

«ئەمدى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مەجرۇھ بالىلارنىڭ سەنئەتكە بولغان مۇھەببەت سېزىملىرىنى ئويغىتىشتىن، ئۇلارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت. شۇنداقلا بۇ بالىلاردا ئىجادىي بىلىم ۋە ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش، ئۇلارنىڭ باشقا بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىش. ئىلگىرى مۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ نامى «مېنىڭ قازاقىستانىم»، «مەن ئالەمنى كۆرۈۋاتىمەن» دەپ ئاتالغان بولسا، بۇ يىلى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلىنىپ، «بىزنىڭ غالىبىيىتىمىز» دەپ ئاتالدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە «سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئېگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسى»، «نۇر - ئاگرو»، «زەم - زەم»، «ئامىر»، «نازۇگۇم» ئوخشاش جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋە شىركەتلەرنىڭ ھامىيلىقىدا ئۆتتى.

مۇسابىقىدە مەجرۇھ بالىلارنىڭ ئۆز قولى بىلەن توقۇغان، ياسىغان ھەر خىل بۇيۇملىرىنىڭ كۆرگەزمىسى قويۇلۇپ، ئۇلارنى كەلگەن مېھمانلار سېتىۋالدى. ھەر يىلى مۇنداق مۇسابىقىلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسىنى بىزنىڭ تالانتلىق رەسسامىمىز، «دۇنيا - ئارت» گاللېرېيىسىنىڭ پرېزىدېنتى ھاكىمجان گۇلىيېف باشقۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. بۇ يىلى بولسا ئۇ قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى، شۇ جۈملىدىن ھەيكەلتاراش رەسسام رۇستەم شاماخۇنوف ۋە رەسسام گرافىك كۈرەش زۇلپىقاروفنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار مۇسابىقە غالىپلىرىنى بەلگىلەپ چىقتى.

مەن موشۇ بۈگۈنكى مۇسابىقىگە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەجرۇھ بالىلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى، مۇھەببىتىنى، ئىسسىق ۋە يېقىملىق سۆزلىرىنى، تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن بارلىق ھامىيلارغا، مېھمانلارغا چەكسىز رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.»

مۇسابىقە داۋامىدا بالىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بايراملىق كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭدا شېئىرلار ئوقۇلدى، ناخشىلار ئېيتىلدى ۋە ئۇسسۇللار ئىژرا قىلىندى. مېھمانلار شۇنداقلا "ئاۋات"، "دىلناز" كافېخانىلىرىنىڭ، ئايرىم شەخسىي تىژارەتچىلەرنىڭ تەييارلىغان يېمەك - ئىچمەكلىرىدىن ئېغىز تېگىپ، "شەپقەت - شوۋ" تىياتىرى ئويۇنلىرىدىن بەھرىمان بولدى. ئاخىرىدا مۇسابىقە غالىپلىرى پەخرىي يارلىقلار ۋە ئاخچىلىق مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلەندى.