ئالماتادا ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئارا مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى

0:00 / 0:00


23-مارت كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «دوستلۇق» كافېخانىسىدا ئالماتا شەھەرلىك ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى بىرلەشمىسى يېنىدىكى «ئالماتا مەشرىپى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەشرەپلەر ئارا مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر پائالىيەتنى ئالماتا شەھىرى ئەۋېزوف نامىدىكى ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، «پەرۋاز» ئىجراچىلار بىرلەشمىسى قوللاپ-قۇۋەتلىدى.

ئالدى بىلەن يىغىن رىياسەتچىسى ئەكبەرجان ئىسمايىلجانوف ئۇيغۇر مەشرىپى ھەققىدە دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە، ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى، مەشرەپنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ھەم ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەكتەپ ئىنسان بالىسىنىڭ بىلىمىنى يورۇتسا، مەشرەپ ئەدەب-ئەخلاققا، رەسىم-قائىدىلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بۇ ئۇيۇشتۇرۇلغان مەشرەپنىڭ ئاساسىي مەنىسى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزگەچ، بىر-بىرىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى كۈچەيتىپ، ئىناقلىقنى تېخىمۇ چىڭىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

رىياسەتچى مۇراسىم باشلىنىشتىن بۇرۇن قازىلار ھالقىسىنى ۋە مۇسابىقە قاتناشقۇچىلىرىنى، شۇنداقلا مۇسابىقە قائىدىلىرىنى تونۇشتۇردى.

مۇسابىقىگە ئالماتا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدىن «قالقامان ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»، «ئالاتاۋ ئوتتۇز ئوغلى»، «بوستان مەشرىپى»، «سۇلتانقورغان ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»، «دېھقان ئوتتۇز ئوغلى»، «دوستلۇق ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ «چېلەك ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» بولۇپ يەتتە مەشرەپ ئەھلى قاتناشتى. مۇسابىقە تۆرت بۆلۈم، يەنى سالاملىشىش، بەگلەر مۇسابىقىسى، ئوتتۇز ئوغۇل مۇسابىقىسى، داۋا-دەستۈر بويىچە ئۆتتى. مۇسابىقە داۋامىدا ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى مەشرەپ تارىخى، ئۇنىڭ قائىدىلىرى، تۈزۈلۈشى، ئەھمىيىتى بويىچە تۈزۈلگەن سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇلار شۇنداقلا ئايرىم مەشرەپ كۆرۈنۈشلىرى بويىچىمۇ ئۆز ھۆنەرلىرىنى كۆرسەتتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاتاقلىق شائىر ئابلىز ھېزىم مەشرەپنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەم تەربىيىۋىي ئەھمىيىتىنى بىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇرۇنقى مەشرەپلەرنىڭ ئەنە شۇ مەشرەپتىنلا باشلانماي، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىن باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەشرەپ، مەشرەپ ۋاقتىدىكى پائالىيىتى ۋە مەشرەپ سىرتىدىكى پائالىيىتى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. شۇ ۋاقىتنىڭ بەگلىرى مەشرەپ ئەزالىرىنى شۇ يۇرتنى باشقۇرىدىغان ئادەملىرىدىن ياخشى باشقۇرغان ئىدى. مەشرەپ ئەھلىنى باشقۇرىدىغان ئادەم ھەممە جەھەتتىن يېتىلگەن بولۇشى كېرەك.»

ئالماتا شەھرىدىكى مەشرەپلەر ئارا مۇسابىقە پائالىيتىنىڭ باھالىغۇچىلىرى

ئا. ھېزىمنىڭ پىكرىچە، ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قائىدە-يوسۇننى بىلمەيدىغان، ئەدەب-ئەخلاقسىز بالىلارنى مەشرەپ كۆرمىگەن، دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ، بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ئەنە شۇ مەشرەپ قائىدىلىرىنى تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق پائالىيەتلەرنى پات-پاتلا ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىم داۋامىدا سۆزگە چىققان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف، پېشقەدەم ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف، «تۇران دۇنياسى» جەمىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف ۋە باشقىلار مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بەزى كەمچىلىكلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

پېشقەدەم سەنئەتكار سادىقجان يۇنۇسوفنىڭ قارىشىچە، مۇنداق مۇسابىقە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كەمچىلىكلەردىن كۆرە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زوردۇر. ئۇ مۇنداق دېدى: «سەۋەبى، بىزنىڭ، بولۇپمۇ تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئاتاپ ئېيتقاندا، ئالماتادا مۇنداق ئىشلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. بۇ مەشرەپلەر ئاساسەن ئوخشىسىمۇ، بەزىدە ئوخشىمايدىغان يەرلىرى بار. بىز بۈگۈن ئومۇمىي بىر كېلىشىمگە كەلدۇق دېسەك بولىدۇ. بارلىقى ياخشى تەييارلىنىپ كەپتۇ.»

س. يۇنۇسوف مۇسابىقە ئارقىلىق مەشرەپ ئەھلىنىڭ قانداق بولۇش لازىملىقى، بەگ، پاششاپ ۋە باشقىلارنىڭ ۋەزىپىلىرى، مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇش، چوڭ ۋە كىچىكلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ھەققىدە ياشلارنىڭ ياخشى بىلىم ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ پات-پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشى ياشلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى، مۇھەببىتىنى ئويغاتسا، مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ ساۋاتلىق بولۇشىنى تەمىنلەيدۇ.

مۇراسىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا ئېرىشكەن «دوستلۇق ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»-ئۈلگىلىك، «ئالاتاۋ ئوتتۇز ئوغلى»-قائىدە-يوسۇنلۇق، «چېلەك ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»-خۇشخوي دېگەن مەخسۇس پەخرىي يارلىقلار بىلەن تەقدىرلەندى. قالغان مەشرەپ ئەھلىلىرى ئىككىنچى دەرىجىلىك پەخرىي يارلىقلار ۋە باشقىلار بىلەن مۇكاپاتلاندى. مۇسابىقە داۋامىدا «دىيار» ئانسامبىلىنىڭ ئورۇنلىشىدا مىللىي ساز-نەغمىلەر، كۈلكە ماھىرلىرىنىڭ خۇشچاقچاقلىرى تاماشىبىنلار دىققىتىگە ھاۋالە قىلىندى.