ئالماتادا ئازادلىق، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن شېھىت بولغانلار ئەسلەندى


6 - مايدا ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسى كافىيخانىلىرىنىڭ بىرىگە جەم بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قۇرئان ئوقۇپ، ئازادلىق، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلىدى.

مەلۇمكى، يېقىندا فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكەن 6 - نوۋەتلىك ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان ئاياللارنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا «دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى» تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭدا تەشكىلات رەئىسى ۋە ئۇنىڭ جاي - جايلاردىكى مۇئاۋىنلىرى سايلانغان ئىدى.

خاتىرە پائالىيىتىدە دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيەم تۇردىيېۋا مەزكۇر كۇرسنىڭ روھىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يەتكۈزدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى سۆزگە چىققۇچىلار بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ مەقسەت، ۋەزىپىلىرى ۋە ئەھمىيىتى، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ مىللىي مائارىپنى، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى، ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەشتىكى رولىنى، ئومۇمەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە تۇتقان ئورنىنى، شۇنداقلا بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

شۇنىڭدەك، يىغىندا سۆز ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بولۇپمۇ مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا كەنتىدە ساقچىلار ۋە يەرلىك ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ كېلىپ - چىقىش سەۋەبلىرىنى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

ئۇ، ساقچىلار تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ھاقارەتكە چىدىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، نارازىلىق بىلدۈرگىنىدە قانۇنسىز ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتراتقۇلۇق رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ شۇنداقلا ۋەقە سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ: «بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى. يەنى، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرىستاندا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ»، كۆچمەن يۆتكەش، پىلانلىق تۇغۇت، دىنىي چەكلەش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش، ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى. مەزكۇر سىياسەت ئۆزگەرمىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئەركىن بەلگىلەش قانۇنىي ھەرىكىتى كۈچىيىۋېرىدۇ» دېدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى شەھەربانۇم سەيدۇللائېۋا مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.