ئالماتادا ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر خاتىرىلەندى
2014.11.10
10 - نويابىردا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان كافېخانىلارنىڭ بىرىدە، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 30 - ۋە 40 - يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتتى. ئالدى بىلەن مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئاساسىي دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان كۆرنەكلىك ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقىغا توختالدى. ئۇ مەزكۇر مۇستەقىل مەملىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۆز ئالدىغا قويغان مەقسەت ۋە ۋەزىپىلىرى، ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبلىرى توغرىلىق يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بولسا تارىخچى ۋە يازغۇچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان دوكلاتىنى تەقدىم قىلدى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بارغان ئىش - پائالىيىتىنى يورۇتتى. مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان تاتار خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر يېرزىن، سابىق «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ خادىمى ۋاپاخان قۇربانوف، دىنىي زات مەھەممەت ھاجىم، شائىرلار مىرزاخمەت مېرىموف ۋە تاشگۈل ھېزىياروۋالار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قەد كۆتەرگەن يىللارنى ھەم شۇ چاغلاردا ياشىغان ۋە ئىشلىگەن شەخسلەرنى ئەسلىدى، شېئىرلىرىنى ئوقۇدى.
مۇراسىم ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تىكلەشكە قاتناشقان بىر قاتار كىشىلەرگە باھالىق سوغىلار تاپشۇرۇلدى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات مەھەممەت ھاجىم ۋە تارىخچى مۇنىر يېرزىن مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە توختالدى.