ئالمۇتادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.11.20
qazaqistanda-ikki-jumhuriyet-kuni-2017.jpg قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئالمۇتادا جەم بولۇپ، ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىنى قۇتلىدى. 2017-يىل 19-نويابىر، ئالمۇتا، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

19-نويابىردا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئارزۇم» رېستورانىدا 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 84 يىللىقى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 73 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيىلەردىكى يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 150تىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.

مەزكۇر پائالىيەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئىجرائىي كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتتى. ئالدى بىلەن دىنىي زات مۇھەممەتجان ھاجىم ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى. 1933-ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەر ھەققىدە ياش پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى ئىلشات ئىمىنوف دوكلات قىلدى. ئىلشات ئىمىنوف شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت سۈپىتىدە شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ تەرىپىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋەزىپىلىرىنىڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تولۇق قانائەتلەندۈرۈشكە قارىتىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. 

ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي، مىللىي ۋە دىنىي بېسىمى ھەم چەكلىمىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئەنە شۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا، مەملىكەت مۇستەقىللىقىنى تىكلەشكە قارىتىلغانلىقى، ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدىكى ئۇتۇقلار ۋە ئەۋەتىلگەن خاتالىقلار ھەققىدە توختالدى.

ق. غوجامبەردى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىدە كۆپلىگەن ئىلغار پىكىرلىك شەخسلەرنىڭ، قوماندانلارنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقىنى، شۇلارنىڭ بىرى سابىت داموللا بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، شۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن يوقىتىلغان ئىدى. ق. غوجامبەردى 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1950-يىللاردىن تارتىپ خىتاي دائىرىلىرى يۈرگۈزگەن سىياسىي تەقىبلەشلەر جەرياندا مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى، جەڭچىلىرى، زىيالىيلار تۈرمىلەردە ئازاب چەكتى، ئەمگەك لاگېرلىرىغا پالاندى. شۇلارنىڭ كۆپچىلىكى 50-ۋە 60-يىللىرى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈپ چىقىپ ماكانلاشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئابدۇرۇپ مەخسۇم، زۇنۇن تېيىپوف، غېنى باتۇر، زىيا سەمەدى، مەسىمجان زۇلپىقاروف، باتۇر ئەرشىدىنوف قاتارلىق كۆپلىگەن شەخسلەر بولدى.

بولۇپمۇ قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ھەر يىلى ئالمۇتا شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردىن، يىراق يېزىلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھۆكۈمەت قۇرغان ئەربابلارنى، مىللىي ئارمىيىدە خىزمەت قىلغان ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلەرنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر خىل ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن شەخسلەرنى تەبرىكلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. ھازىر شۇ ۋەقە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، كېيىنكى ئەۋلادلار ۋەكىللىرى، بولۇپمۇ ياشلار بۇ ئىشنى يەنىمۇ داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.