7 - ئاپرېلدا ئالماتادىكى ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىدا يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ «ئالتىشەھەرگە ساياھەت» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستان جۇغراپىيە جەمئىيىتى ۋە ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن بۇ پائالىيەتكە قازاقىستان ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى مىقىياسىدا تونۇلغان ئالىملار، ژۇرنالىستلار، يازغۇچىلار، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى رەھبەرلىرى، جامائەتچىلىك ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمنى ئېلىپ بارغان ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى، قازاقىستان ژۇرنالىستىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى ساغىمباي قوزىبايېف ئى. ئىمىنوفنىڭ يازغۇچىلىق پائالىيىتى ۋە كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بىلەن تونۇشتۇردى. ئۇ ئۆز سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا خەلقلەردىن خېلىلا ئىلگىرى ئۆزىنىڭ باي مەدەنىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر يېرىدە مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب ئوخشاش ئۇلۇق ئالىملارنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا شۇنداقلا يازغۇچى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك سىڭەرگەن ئەربابى ئالىبېك ئاسانوف، گۇمېليېف نامىدىكى ياۋروئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئوردېنبېك مازبايېف، «مىسل» ژۇرنىلى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى سائۇلې ئاخمېتوۋا، قازاقىستان پرېزىدېنتى ئاخبارات خىزمىتىنىڭ ئالماتادىكى بۆلۈم باشلىقى ۋالېرىي جاندائۇلېتوف، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى، جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى شېرىپ نادىروف ۋە باشقىلار چ. ۋەلىخانوفنىڭ دۇنيا ئىلىم - پەنىگە قوشقان تۆھپىسى، ئۇنىڭ بولۇپمۇ قەشقەرىيەگە قىلغان سەپىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھمىيىتى، ئى. ئىمىنوفنىڭ «ئالتىشەھەرگە ساياھەت» كىتابىنىڭ ياشلارنى تەربىيىلەشتىكى مۇھىملىقى ھەققىدە ئۆز ئوي - پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۇمېليېف نامىدىكى ياۋروئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئوردېنبېك مازبايېف بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئى. ئىمىنوف ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە بىر نەچچە پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى ھەم كىتاب ئاپتورى بىلەن ئۆتكەن يىلى رۇسىيەنىڭ توۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى پور - باجىن قەلەسىگە بولغان سەپەردە بىللە بولۇش بەختىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنىڭ تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور دەپ ھېسابلايمەن، چۈنكى بۇنىڭ ئالدىدا "ئۇلۇق چوقاننىڭ كارۋان يولى بىلەن" ناملىق كىتاب چىققان ئىدى. بۇنى بىرلىشىپ يازغان ئىدۇق. بۇ كىتابقا كىرمەي قالغان كۆپلىگەن مەلۇماتلارنىڭ ئالتىشەھەر توغرىلىق كىتابقا كىرىشى مېنى خۇشال قىلىۋاتىدۇ. بۇ كىتاب ئاساسەن ياشلارغا تەربىيە بېرىدۇ، سەۋەبى ژۇرنالىستىكا كەسپى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇنداق يېزىشنى ئۆگىنىدۇ. ئۇلار مەھمۇد قەشقەرىنىڭ، يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ، چوقاننىڭ بولغان يەرلىرىنى كىتاب ئارقىلىق ئوقۇپ بىلىدۇ. ئى. ئىمىنوف بۇ ئېكىسپېدىتسىيەگە بېرىش جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى ئانالىز قىلىپ، كۆپچىلىككە يەتكۈزىدۇ. ئۇ بۇ سەپەر داۋامىدا يەرلىك ئاھالە بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، سۆھبەتلىرىدە باي مەلۇماتلارنى توپلىغان. بىز قەشقەر ئېكىسپېدىتسىيىسىدە، يەنى ئۈرۈمچى، تەكلىماكان، كورلا، قەشقەر، ئاشخاباد، ئالماتا شەھەرلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان سەپىرىمىزدە چ. ۋەلىخانوفنىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىدۇق دېسەم بولىدۇ. بىز ئۇلۇق ئالىمنىڭ سەپىرىنى 150 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تەكرارلىدۇق. بۇنىڭدا، ئەلۋەتتە، ئى. ئىمىنوفنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە بولدى، دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۈگۈن دوستۇم ئۈچۈن خۇشال بولىۋاتىمەن. مەن ئاخىرقى ئون بەش يىل ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ كەلدىم. مەن ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى يېزىپ، بۇ ئەمگەكلەرنىڭ ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى تېپىشىنى تىلەيمەن.»
مەزكۇر پائالىيەتتە سۆزگە چىققان تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى كلارا خافىزوۋا ئى. ئىمىنوف كىتابىدا ئىنتايىن قىزىقارلىق مەلۇماتلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى، مۇنداق ساياھەتلەر ھەققىدە كىتابلارنىڭ سۆزسىز ياشلاردا قىزىقىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ھەقىقەتەنمۇ بۇ بىر نەچچە مەدەنىيەتلەرنىڭ كىسىشكەن ئورنىدۇر. بۇ يەردە ھەم گرېك - رىم، ھەم ھىند، ھەم تۈركىي - موڭغۇل، ھەم ئىسلام مەدەنىيەتلىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ زېمىنى تۆرت فىرانسىيەنى، تۆرت خىتاي ئۆلكسىنى، يەنى خىتاي يېرىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان سەككىز مەملىكەت بىلەن چېگرىداش. بۇ ئەلدە كۆپلىگەن قارىمۇ - قارشىلىقلارنىڭ قىيىلىشى بولغانلىقى مەلۇم. بۇ رايوننى بىرىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان قازاق ئالىمى چ. ۋەلىخانوفتۇر. ئەلۋەتتە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئەلدە كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بۈگۈنمۇ بۇ رايوننى ئۆگىنىش لازىم.» ك. خافىزوۋا ھازىرقى كۈندە بولۇپمۇ ياشلارنىڭ شۇنداق يەرلەرگە كۆپرەك ساياھەت قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقاتلار يۈرگۈزۈشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېزا ئىگىلىكى پەنلىرىنىڭ ئاكادېمىكى مەھەممەتجان ئابدۇللايېف بۈگۈنكى پائالىيەتكە قازاق خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىنىڭ، كۆپلىگەن زىيالىيلارنىڭ قاتنىشىپ، تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ مەزمۇنلۇق ۋە تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن چوڭ خۇشاللىق، ئەمگەك مېۋىسى تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئاپتورى ئى. ئىمىنوف ئۆز ۋەتىنىمىزگە بولغان ساياھىتىنىڭ نەتىجىسىنى كىتاب قىلىپ چىقىرىپتۇ. ئۇنىڭدا ئى. ئىمىنوف چ. ۋەلىخانوفنىڭ ماڭغان يولىنى، شۇ ساياھىتىنىڭ نەتىجىسىنى تۈگەل تەكشۈرۈپ چىققان. بۇنىڭغا بىز خۇشال بولدۇق، رازى بولدۇق. بۇ ئەمگەك ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممەت. ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى، ئىناقلىقنى چ. ۋەلىخانوف ئۆز ۋاقتىدا باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ياشلار، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئىناقلىقنى يۇقىرى تۇتۇپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ جانپىدالىق بىلەن قىلغان ئەمگىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشايلى.»
مۇراسىم ئاخىرىدا ئى. ئىمىنوف ئۇيغۇر ئېلىغا ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيە ئۇيۇشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان قازاقىستان جۇغراپىيە جەمئىيىتىگە، شۇنداقلا ئۇنى ھەرتەرەپلىمە قوللىغان باشقىمۇ جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلارغا، نەشرىياتلارغا، زىيالىيلارغا، جامائەتچىلىككە مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
0:00 / 0:00