پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، نيۇ - يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتان رايونىدىكى كونا دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ قوشماق بىناسى ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمى، بۇرۇنقىلا ئوخشاشلا ئامېرىكا دۆلەت مارشى ئوقۇش، بۇنىڭدىن 13 يىل ئاۋۋال تېررورلۇق ھۇجۇمدا ئۆلگەن قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇش، قۇربانلارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
شۇ كۈنى، تېررورلۇق ھۇجۇمدا ئۆلگەن قۇربانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، پرېزىدېنت ئوباما، خانىمى مىشىل ئوباما ۋە ئالاقىدار كىشىلەر نيۇ - يورك، ۋاشىنگتون، پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ پېتىسبۇرگ دالاسىدىكى مۇراسىمدا يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىيدىكى بۇ پاجىئەلىك ۋەقەنىڭ قۇربانلىرىنى يادلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتى، ئامېرىكا ئوتتۇرا - شەرق رايونىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، تېررورلۇققا قارشى يەنە بىر قېتىملىق ھەربىي تاللاشقا دۇچ كەلگەن مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
پرېزىدېنت ئوباما 11 - سېنتەبىر ھارپا ئاخشىمى ئامېرىكىلىقلارغا سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئىستراتېگىيەسىنى جاكارلاپ، ئىراققا قۇرۇقلۇق قوشۇنى ئەۋەتمەيدىغانلىقى، بىراق ھاۋا ھۇجۇمى، ئىنسانى ياردەم، مەسلىھەتچى قىسىم، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئىراق ۋە كورد قوشۇنلىرىغا تېخنىكا ھەم باشقا جەھەتلەردىكى ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندەك، بىز دۆلىتىمىزگە تەھدىت سالغان تېررورچىلارنى، ئۇلارنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر يوقىتىمىز. بۇ دېگەنلىك مەن ئىراق ۋە سۈرىيىدە ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئىككىلەنمەي ھەرىكەت قوللىنىمەن دېگەنلىكتۇر. بۇ مېنىڭ پرېزىدېنتلىقىمنىڭ تۈپ پرىنسىپى. ئەگەر سەن ئامېرىكىغا تەھدىت سالساڭ، سېنىڭ قاچىدىغان ھېچقانداق يېرىڭ قالمايدۇ.
2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر كۈنى تېررورچىلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان 1 - ئايروپىلان ئەتىگەن سائەت 8:46 مىنۇت ئۆتكەندە، دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ شىمالى بىناسىغا، سائەت 9:03 مىنۇت ئۆتكەندە 2 - ئايروپىلان جەنۇبىي بىناسىغا كېلىپ سوقۇلغان. 3 - ئايروپىلان شۇ كۈنى سائەت 9:37 دە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسىغا كېلىپ ئۇرۇلغان. 4 - ئايروپىلان سائەت 10:03 ئۆتكەندە پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ پېتىسبۇرگ ناھىيىسىدىكى بىر دالاغا چۈشۈپ كەتكەن. نيۇ - يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ 2 قوشماق بىناسىنىڭ بىرى، سائەت 9:59دا، يەنە بىرى سائەت 10:28 دە غۇلاپ چۈشكەن ئىدى.
ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا پرېزىدېنت ئوباما، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك خېيگىل، ئامېرىكا ئارمىيەسى شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مايكېل دەمسېي قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى. پرېزىدېنت ئوباما مۇراسىمدا 11 - سېنتەبىر قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا خىتاب قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: بىز ئامېرىكىلىقلار بولۇش سۈپىتىدە بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى سىلەردىن ئالدۇق. سىلەردىكى سۆيگۈ ئاشۇ پارلاق ۋە ياپ - يېشىل ئەتىگەن بىزگە ھۇجۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە ئەڭ ئاخىرقى جاۋابنى بەردى. ئۇلار بىزنىڭ بىنالىرىمىزنى ئۆرۈۋېتىش، خەلقىمىزنىڭ ئۆلتۈرۈشتىن ئارتۇق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئويلىغان. ئۇلار بىزنىڭ روھىمىزنى سۇندۇرۇپ، دۇنياغا ئۇلارنىڭ ۋەيران قىلغۇچى كۈچى بىزدىن قۇدرەتلىك ۋە قەتئىي ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقچى بولدى. بىراق سىلەر ۋە ئامېرىكا، ئۇلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدىڭلار، دەپ كۆرسەتتى.
«11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» ئامېرىكا تارىخىدىكىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا تارىخىيدىكى بىر زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇ ۋەقە بىلەن تەڭ چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خىرىس ۋە رىقابەتلەر بىر مەزگىللىك قايرىپ قويۇلۇپ، دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويغان.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار بۇ دەۋردە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت، تىل، دىن، نوپۇس ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بارلىق ھەق - ھوقۇقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى چارشەنبە كۈنى «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زىيان سالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ساھەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنى كونترول قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقە پەقەت ئامېرىكىغىلا ئەمەس، بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ ناھايىتى چوڭ زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ناھايىتى چوڭ بىر تارىخىي ئاپەت بولغانلىقىنى كېيىن تۇيدۇق. ھەتتا گەپ قىلغانلارنى، خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان ھەر قانداق پائالىيەتنى، مەيلى ئۇ قەلەم كۈرىشى بولسۇن، مەيلى ئۇ سۆز بولسۇن ياكى ھەقىقەتەن بىر قارشىلىق ۋە نامايىش بولسۇن، ھەممىنى تېررورلۇققا بولۇپمۇ ئامېرىكا ئافغانىستانغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ يەردە بىر نەچچە ئۇيغۇرنى بولۇپ قېلىشى ۋە تۇتۇلۇشىنى چەتئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا باغلاپ، ئۇيغۇرنى ھەممە جەھەتتىن بىراقلا يوقىتىش تاكتىكىسىغا ئۆتتى. ھەتتا ماقالە يازغانلارنىمۇ شۇنىڭ بىلەن ماركىلاپ، شۇ ئاتالغۇ بىلەن يوقىتىشقا باشلىدى. شۇنىڭغا بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، دىنىي يۈرۈش - تۇرۇشى، ئۆرپ - ئادەت، روزا تۇتۇشتىن تارتىپ، ناماز ئۆتۈشىگىچە تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ساھەسىگە تەسىر قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باياناتىدا يەنە، «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ 13 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن قۇربانلارغا ھازا تۇتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن.
باياناتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» نى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇر تېررورلۇقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھازىرغا قەدەر مۇستەقىل تەرەپلەر ئىسپاتلىغان بۇنىڭغا ئائىت بىرەر پاكىتنى كۆرسىتىپ باقمىغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى خىتاينىڭ «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» پۇرسەت بىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى يولغا قويغان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مۇشۇ «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ يوقىتىش سىياسىتى كەسكىنلىشىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن، ھەممە ئۇيغۇرنى قارشى تەرەپكە خىتاي ئۆز قولى بىلەن ئىتتىرىپ بەردى ھەم ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى «5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى». بۇنى مۇشۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، دېسەك بولىدۇ. خىتاي تەدرىجىي ھالدا بىزنىڭ خەلقىمىزنى تام تۈۋىگە قىستاپ ئاپىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قولىغا نېمە چىقسا شۇنى ئېلىپ، يول ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى.
2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر كۈنى 1 - ئايروپىلان نيۇ - يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ شىمالىي بىناسىغا ئۇرۇلغاندا مەزكۇر بىنانىڭ 90 نەچچىنچى قەۋىتىدىكى بىر رېستورانىدا ئىشلەيدىغان ئۆزبېكىستانلىق ياش ئۇيغۇر قىزى گۆھەر سېيىت مەمەت ئەتىگەنلىك ئىسمېنىسى ئەمدىلا باشلىغان ئىدى. ھېچقانداق قېچىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا، گۆھەر سېيىت مەمەت، شۇ كۈنكىن تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.
مەرھۇمنىڭ ھازىر ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاتا - ئانىسى سېيىت مەمەت ئاكا ۋە پەرىدە ھەدىلەر، ھەر يىلى نيۇ - يورك مانخاتتاندىكى «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00