0:00 / 0:00
24-ئاپرېل كۈنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرى» نىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى نيۇيورك شەھىرىدە باشلاندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە بىر قېتىم جانلىق چۈشەنچە بەردى.
بۈگۈن، ئۆمەر قانات ۋە دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان پۇرسەتتە، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە بەزى تەپسىلاتلاردىن خەۋەردار بولۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز ئەزىزنىڭ بۇ ئىككىيلەن بىلەن مۇشۇ قېتىملىق يىغىن ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.