ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 19-ئىيۇن كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئەزا ئىستىبدات دۆلەتلەر مەنپەئەت قوغلىشىدىغان تەشۋىقات قورالىغا ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» ئورگانغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئورگاندىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكېي ھېيلىي بىلەن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو سەيشەنبە كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي، رۇسىيە، كۇبا سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش تەلىپىگە قارشى چىقىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇنى سىياسىي سودىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش بىلەن تەنقىدلىگەن.
ئۇلار يەنە ئامېرىكا بىلەن ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ «مەۋجۇت ھالىتىگە ئاكتىپ قارشى تۇرمىغانلىقى» نى ئەيىبلىگەن. نىكېي ھېيلىي باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ: «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەرگە قالقان بولۇپ، سىياسىي تەرەپبازلىق قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىر مەلۇم بولدىكى بىزنىڭ ئىسلاھات قىلىش چاقىرىمىز جاۋابسىز قالدى. ئۇنىڭدا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر داۋاملىق ۋەزىپە ئاتقۇردى ۋە ئەزالىققا سايلاندى. دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ئەڭ دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەر جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى داۋاملىق سىياسىيلاشتۇرۇلۇپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئىجابىي دۆلەتلەر قۇربانلىق قىلىنىپ، دىققەت ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇلدى،» دېگەن.
دۆلەت ئىشلا مىنىستىرى مايك پومپېئو كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خىتاي، كۇبا، ۋېنسۇئېللادەك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئېنىقسىز ۋە كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئىستىبدات دۆلەتلەرنىڭ سايلىنىپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دۇنيادىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىغا كۆز يۇمىدىغان، دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىغا ئورۇن بېرىدىغان نومۇسسىز "ئىككى يۈزلىمىچىلىك" سورۇنىغا ئايلىنىپ قالدى.»
ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلىۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەت ئىدى. ئامېرىكىنىڭ قارارى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ۋە بەزى ئانالىزچىلاردا پەرقلىق ئىنكاسلارنى قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رېچاردسون سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا يازما ئىنكاس يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىش چىقىشى ئادەم ھەيران قالغۇدەك كالتەپەملىك. بۇ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، خىتايدەك يولسىز دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى مونوپول قىلىشىغا يول ئاچىدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.
بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سەۋەبى ھەقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى «تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق» ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بۇنىڭ خىتايدەك ئىستىبدات دۆلەتلەرگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرى تۈركەل مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا جەھەتتە خاتا ئىش. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنىڭ يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. لېكىن بۇنى باھانە قىلىپ، قىيداپ چىقىپ كېتىشنىڭ ئۆزى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر بىر ئىنسان بىر نەرسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى نىيەت قىلغان بولسا، شۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ھازىر ئەمدى ترامپ ھاكىمىيىتى ئىنسان ھەقلىرىدە يېتەكچىلىك ئورنىدىن ۋاز كەچمىسىمۇ، چەتتە تۇرۇپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال رۇسىيەدەك، خىتايدەك ئىستىبدات دۆلەتلەرگە پايدىلىق شارائىت ۋە ئامىللار شەكىللىنىدۇ.»
لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ قارارىنى چۈشىنىشكە بولىدىكەن. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى دوكتور چېن كۇيدې خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى بەزى دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ھەر يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسىلىسىنى مەركىزى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ، باشقا دۆلەتلەردىكى ئىسرائىلىيە-پەلەستىنگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئېغىر مەسىلىلەرنى ھېچقاچان تىلغا ئېلىپ قويمىدى. مەسىلەن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، رۇسىيە ۋە ئىراندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەقىقىي بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. ئىسرائىلىيە مەسىلىسى باشقا دۆلەتلەردىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يېپىۋالدى. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، تىبەتتىكى مەسىلىلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ھالقىلىق مەسىلە سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىپ باقمىدى.»
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىشى بەك مۈشكۈل ئىكەن. ئۇ خىتايدەك ھۆكۈمەتنى خەلق سايلىمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا بىلەت تاشلاپ، ئۆز خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىشىنىڭ زىددىيەتلىك بىرت ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىز ھۆكۈم قىلىش بەك مۈشكۈل بىر مەسىلە. بۇ ھەل قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان بىر نېگىزلىك مەسىلىگە چېتىلىدۇ. مەيلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بولسۇن مەيلى ب د ت ئومۇمىي قۇرۇلتىيى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دۆلەتلەر بىلەت تاشلايدۇ. ئەلۋەتتە، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنى خەلق سايلايدۇ، ئۇلار خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇن دۆلەتلەر دېموكراتىك دۆلەتلەر ئەمەس، ئۇلاردىكى ھۆكۈمەتلەر خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. لېكىن بۇ دۆلەتلەر ب د ت دا بىلەت تاشلاپ ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى زىددىيەتلىك مەسىلە. شۇڭا، ئامېرىكا بۇ ئورگاننىڭ رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنى كۆرگەن.»
لېكىن نۇرى تۈركەل ئەپەندى، ئۈستەلنى خىتايدەك دۆلەتلەرگە بوشىتىپ بېرىپ، مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە دۈشمەننىڭ قولاي ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ قارار چىقىرىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. ئىسلام دۆلەتلىرى بولسۇن، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بولسۇن ياكى ئامېرىكىنى ئۆچ كۆرىدىغان دۆلەتلەر بولسۇن، ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى قولاي بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىققاندا دەرھال پوزىتسىيە تۇتىدىغان، پرىنسىپتىن چەتنەپ كەتكەن، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغان مۇنداق ئەھۋاللار يوق. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئامېرىكىنىڭ پىكىرى ھەقلىقمۇ دېسىڭىز ھەقلىق. لېكىن ئۈستەلنى بوشىتىپ بېرىپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.»
باش ئەلچى نىكېي ھېيلىي سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەگە مەركەزلىشىپ قېلىشى ۋە ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى «كىشىلىك ھوقۇق ئەمەس، سىياسىي تەرەپبازلىق ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئېنىق دەلىللەپ بەردى» دېگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى قانداق تولدۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپېئو سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
0:00 / 0:00