ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى كۈچ تەڭلىمىسى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 27-يانۋار ھىندىستاندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى. ئوباما زىيارەت جەريانىدا، ھىندىستان دۆلەت رەئىسى مۇخېرجى ۋە باش مىنىستىرى مودى بىلەن ئۇچراشقاندىن باشقا يەنە، ھىندىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھەربىي پارات پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ئوباما ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى 6 يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيە تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى بۇ قېتىم ھەل قىلدى.

ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت ئامېرىكا ھىندىستاننى خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئوباما يەنە ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللايدۇ، دېدى.

مودى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسى ھەمكارلىقى كېلىشىمى ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە ئىشەنچ مۇناسىۋىتىنىڭ يادرولۇق ھالقىسى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى سودا ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىلىپلا قالماستىن، ھىندىستاننىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ. سۆھبەت نەچچە يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بۈگۈنكى كۈندە بۇ كېلىشىمنى تاماملاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئېرىشتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاننى 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ ۋە قەرز بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى كۈچەيتىلىدىكەن.

يېڭى دېھلىدىكى ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدى ئۇچرىشىش يىغىنىدا، ئوباما ئامېرىكا ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسىنىڭ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ھىندىستانغا «ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن» مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدى ئايرودرومدا ئوبامانى كۈتۈۋالغاندا، دىپلوماتىك قائىدە-يوسۇنلارنى قايرىپ قويۇپ ئوبامانى قوچاغلاپ كۆرۈشكەنلىكى بۇ زىيارەتنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ كۆرسەتمىسى دەپ باھا بەرگەن.

ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئارىسىدا 2008-يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىگە ئاساسەن ۋاشىنگتون يېڭى دېھلىغا ھىندىستاننى خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسى تېخنىكىسىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، يۈز بەرگۈسى يادرو قازاسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى لايىھىگە مەسئۇل شىركەتنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بېكىتكەن ھىندىستان قانۇنلىرى كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

يېڭى دېھلى مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، چەتئەل شىركەتلىرىنى بۇ جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دېدى: خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئوبامانىڭ زىيارىتىنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ.
مودى بۇلتۇر ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا ھىندىستان ئامېرىكا بىلەن قويۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، دېگەن ئىدى. ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈردى.

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى بروكىنىس ئىلمىي جەمئىيىتى ھىندىستان تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى مادان مۇنداق دەپ قارىدى: مودىنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيىسى ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش قارارىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكياننى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ھالقىسىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق گېزىتىدە تەتقىقاتچى ئىسمائىل ئۆز دېمىرنىڭ، «خەلقئارالىق توقۇنۇشلار ۋە ئوبامانىڭ ھىندىستان زىيارىتى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە ئوبامانىڭ ھىندىستان زىيارىتىنى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ باھا بېرىلگەن.

ماقالىدە ئامېرىكا پرېدىزېنتى ئوبامانىڭ ھىندىستان زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ياۋروپا ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا ئۆزى ئۈچۈن يېڭى ئورتاق ئىزدەۋاتقان ۋە ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، يۈنىلىشىنى ھازىر خىتاينىڭ غەربىگە ئۆزگەرتكەن ۋەزىيەتتە. خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ئانالىز قىلىدىغان بولساق، خىتاي پاكىستان بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىۋاتقان ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستانمۇ تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان دې ھىندۇ گېزىتىدە تارقىتىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا ھىندىستان بۇ زىيارەتتە مۇداپىئە ئىشلىرى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىسمائىل ئۆزدېمىر ئەپەندى ماقالىسىدە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىق ئېشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئورتاق مۇداپىئەلىنىش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان بىر ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي بىر شەكىلدە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۈركىلىشلەر ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي بىلەن بىۋاسىتە قارشىلىشىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقان ئامېرىكا، قارشىلىق ساھەلىرىدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ھىندىستان، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۈپ كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يولىغا قەدەم قويماقتا.

تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى بولغان ت ر ت تۈرك قانىلىدا، خىتاينىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچى ۋە ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى توغرىسىدا تارقىتىلغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتناشقان ئىستراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنىستىىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ خىتاينىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئېلىشنى باشلىغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ئوخشاش بىئارام بولۇۋاتىدۇ، دېدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئەسلىدە ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قارايدىغان بولساق، ھىندىستاننىڭ شەرققە يۈزلىنىش ئىستراتېگىيىسى بار، يەنى ئاسىيا تىنچ ئوكياندىن خىتاي دېڭىزىغا يۈزلىنىش ئىستراتېگىيىسى، ھىندىستان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، لائوس قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رايوندىكى دېڭىز يولىنى تېخىمۇ تىنچ ۋە بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىمۇ ھەمكارلىق قىلىۋاتىدۇ. ياپونىيە بىلەنمۇ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورناتتى. ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىن بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەردە سۈركىلىش بولۇۋاتقان دۆلەتلەردۇر. ھىندىستان خىتاي بىلەن سۈركىلىش بولغان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۈرۈشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ھىندىستان ئەسلىدە چوڭ كۈچ بولۇش يولىدىكى قەدەملەرنى تەمكىنلىك بىلەن ئاستا-ئاستا ئېتىشقا باشلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ھىندىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە چېگرا مەسىلىسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا بۈگۈنكى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە كەشمىر قاتارلىق بۇ ئۈچ رايوندا چېگرا تالىشىش مەسىلىسى ھازىرغىچە ھەل بولماي كەلدى. چېگرالاردا پات-پات سۈركىلىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، يا خىتايلار چېگرادىن ئۆتىدۇ ياكى ھىندىلار كېچىپ ئوتتۇرىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستان ھازىر ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇش چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى پاكىستان بىلەن ئۇرۇش قىلغان تەقدىردە، ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاي ئۇرۇش ئېچىپ قالسا ئۇنىڭغىمۇ تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇش چۈشەنچىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قورال كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كۈچلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاسىيا تىنچ ئوكياندا خىتاينىڭ بىر، تەيۋەننىڭ بىر ئاۋىئاماتكىسى بار، ئەمما ھىندىستاننىڭ 2020-يىلىغا كەلگەندە 3 دانە ئاۋىئاماتكىسى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ئەھۋالدا مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم ساھەسىدە ھىندىستان تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەگەر ھىندىستان ئۇ رايوندا ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتالىسا كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولىدۇ ۋە خىتاينى ئىستراتېگىيىلىك مۇھاسىرىگە ئالغان بولىدۇ.

ئاسىيا تىنچ ئوكياندا ھازىر ھىندىستان ۋە ياپونىيە ئەڭ چوڭ ئىككى كۈچ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پوزىتىسيىنى ئۆزگەرتىشى رايوندا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئەمما ئامېرىكا، كەلگۈسىدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەنپەئەتلىرىگە زىيان سالالايدىغان دۆلەت خىتاي دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدا مۇداپىئە مىنسىتىرلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ دوكلاتىدا ئوچۇق يېزىلغان. دوكلاتتا، ئەگەر ئامېرىكا 2030-يىلىغىچە خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، بىر تەڭپۇڭ كۈچ ياراتمىغان تەقدىردە ئامېرىكا خىتايغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ دېيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھازىردىن باشلاپ ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئورتاق بولۇش قەدىمىنى باستى.