ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلىرى پاش قىلىندى
2018.05.18
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا گېرري سې تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تەربىيىلەش لاگېرلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالىدا، خىتاينىڭ بۇلتۇر ئەتىيازدىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇپ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلىپ سولاۋاتقان ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نىڭ ئىچكى سىرلىرى كۆپ مەنبەلەر بىلەن يورۇتۇلدى. لاگېرلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقىتىنى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىدەك پسىخىكىلىق ۋە جىسمانىي قىيناش ئۇسۇللىرى، خىتاينىڭ قارىمايدىكى «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى» دىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى شاھىت، قازاقىستان پۇقراسى ئۆمۈربېك ئېلىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرى ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 7 ئاي ۋە ئارقىدىن قارىمايدىكى «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى» دا بىر ئاي يېتىپ چىققان 42 ياشلىق ئۆمۈربېك بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرىغا ئۆزى تۇرغان لاگېردىكى 3 بىناغا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سولانغانلىقى، ھەر خىل سەۋىيە ۋە ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە قىرىق كىشى بىلەن بىر كامېردا ياتقانلىقى، لاگېردىكىلەرنىڭ ھەر كۈنى قىزىل ناخشا، شوئارلارنى ئۆگىنىش ۋە ھەر ۋاق تاماقتا تەكرارلاشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىدېئولوگىيە تەربىيەلىرى ۋە بۇلارغا بويسۇنمىغان كىشىنىڭ 24 سائەتلەپ ئاچ قويۇشتەك جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقلىرى، ئۇ جايدىكى ناچار شارائىت، ناچار تاماق ۋە ناچار مۇئامىلە ھەم خورلۇقلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.
ئۇ، ئۆزىنىڭ لاگېردا چەككەن جىسمانىي قىيىن-قىستاق ۋە روھىي زۇلۇملار سەۋەبلىك ھەتتا بەزىدە ئۆلۈۋېلىش خىيالىغا كەلگەنلىكىنى، ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىنمۇ ئېغىر پسىخولوگىيىلىك ئىسكەنجىدىن قۇتۇلالمىغانلىقتىن كۈنلىرىنى تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىيالماي ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۆمۈربېك ئېلى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇپ قازاقىستانغا كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىن ساق چىققان ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتقا «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئىچكى يۈزى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن تۇنجى شاھىت بولۇپ قالدى. ئۇ تۈرمىدىكى جىسمانىي قىيىن قىستاقلار، لاگېردىكى روھىي خورلۇق ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى، قەستەن كىچىك ۋە چوڭ تەرەتكە رۇخسەت قىلماسلىقتەك، ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى قىيناش ئۇسسۇللىرىنىڭ، قامالغانلاردا ئوخشىمىغان كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
پىچاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئانىسى ئۇيغۇر، دادىسى قازاق جەمەتىدىن بولغان ئۆمۈربېك، قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغانلىقىدەك ئالاھىدە سالاھىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن ئېغىر زەخمەت چەككەنلىكى ئۈچۈن تۈرمە ۋە «تەربىيىلەش مەركىزى» دىكى جەرياندا ئۇ 40 كىلوگرام ئورۇقلاپ كەتكەن ئىكەن. ئۆمۈربېك ھازىرغىچە داۋالانماقتا.
بىرلەشمە ئاگېنتلىق يەنە لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاقلارنى ئاستانالىق قازاقىستان پۇقراسى قايرەت سەمەرقەنتنىڭ بايانىدىنمۇ يورۇتقان بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر 12-ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدا تۇتۇلۇپ بىر «تەربىيىلەش مەركىزى» گە قامالغان. ئۇنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ قامالغان لاگېردا 5700 كۆپرەك ئادەم بار بولۇپ، تۈزۈمگە بوي سۇنمىغانلار، قارشى چىققۇچىلار تۆمۈردىن ياسالغان بىر قاپنىڭ ئىچىگە سولاپ جازالىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ئەنە شۇ ھالەتتە 12 سائەتلەپ سولاپمۇ ئىدىيىسى ئۆزگەرمىگەنلەر بولسا «يولۋاس ئورۇندۇق» قا ئولتۇرۇش جازاسى دەيدىغان، قول پۇتىدىن تارتىپ باغلاپ قويىدىغان بىر خىل جازاغا ئۇچرايدىكەن، يەنە شۇنىڭدەك بېشىنى سۇغا تىقىپ، تۇنجۇقتۇرۇشمۇ جازالاش ئۇسۇلىنىڭ بىرى قىلىۋېلىنغان.
2016-يىلى ئۆزىنىڭ خوتەندىكى جازا لاگېرىدا يېتىپ چىققانلىقى ھەققىدە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا سۆزلەپ بەرگەن بىر خوتەنلىك ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ جايدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئاياللار ئىسلامچە كىيىنگەنلىكى، قۇرئان ئۆگەنگەنلىكى، بالىلىرىغا ئىسلامچە ئىسىم قويغانلىقلىرى ئۈچۈنلا جازالانغانلار ئىكەن.
خوتەنلىك يەنە بىر كىشى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا، 2015-يىلى ئۆزىنىڭ خوتەن شەھىرىگە يېڭى سېلىنغان «تەربىيىلەش لاگېرى» دا يېتىپ چىققانلىقىنى، بۇ جايدا «تەربىيىلەش» ئېلىپ بارغان خىتاي ئەمەلدارنىڭ ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئۇيغۇر ئاياللارنى كەمسىتىپ، غۇرۇرىغا تەگكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن.
ئۆزىنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى دەپ تونۇشتۇرغان ئېلدوسنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ خىتايچىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، 2017-يىلى دائىرىلەر تەرىپىدىن مەلۇم تەربىيىلەش لاگېرىدا خىتاي تىلى ۋە خىتاي تارىخىدىن دەرس بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، لاگېردىكىلەر 3 دەرىجىگە بۆلىنىدىكەن. 1-تۈردىكىلەر، ئاساسەن ساۋاتسىز دېھقان، خىتايچىنى بىلمىگەندىن باشقا گۇناھىمۇ يوقلار، 2-تۈركۈمدىكىلەر يانفونىدىن دىنغا ئائىت ياكى بۆلگۈنچىلىككە ئائىت، مەسىلەن ئىلھام توختىنىڭ دەرسى دېگەندەك چەكلەنگەن نەرسىلەر تېپىلغانلار ئىكەن. 3-تۈردىكىلەر بولسا ئەڭ ئېغىرلىرى بولۇپ ئاز دېگەندە 10-15 يىل كېسىلىدىكەن. ئۇلار ئاساسەن چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن ياكى چەتئەلدىكىلەر بىلەن باغلىنىشى بارلار ئىكەن. ئېلدوس بىر قېتىم دېرىزىدىن 20 دىن ئارتۇق «ئوقۇغۇچى» نىڭ مەركەزگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، ئۇلار ماشىنىدىن چۈشىشىگىلا ئىككى رەت تىزىلغان ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى دۇمبالىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ، كېيىن ساقچىلاردىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە دىندا ئوقۇغانلار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان.
ئېلدوس ئۆتكەن يىلى 8 ئايلاردا چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن لاگېردا كۆرگەنلىرى ھەققىدە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ لاگېردا 80 كىشى بىلەن بىر زالدا تۇرۇش جەريانىدا ھەر كېچە كىشىلەرنىڭ ئازابلىق يىغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان ۋە بۇ جەريانلارنى: «بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر سەرگۈزەشت» دەپ تەسۋىرلىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم ئۇرۇش ياكى جىسمانىي خورلاشقا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش» نامىدا كېڭەيتىپ داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ سولانغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان، مەزكۇر ئاتالمىش قايتا «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ھەققىدە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلار، باشقا خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىنمۇ كەڭ ئورۇن ئېلىپ، كۈچلۈك ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمى دىرېكتورى دوكتور سوفى رىچاردسون خانىم گەرچە ئۆزىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا جازالاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەسىلە ئۈستىدە بىر يىلدىن ئارتۇق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن لاگېر ھەققىدە ئاشكارىلانغان بۇ ئەھۋاللارنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئىنكاسىنى «شۈركۈنگۈدەك قورقۇنچلۇق» دەپ تەسۋىرلەيدۇ: «ئىنگلىز تىلى دۇنياسىدا تەسىرى ئەڭ زور ئىككى مەتبۇئاتتا ئوخشاش بىر كۈندە، شىنجاڭدىكى سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى ھەققىدە ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان مەلۇماتلارنىڭ بېسىلىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ۋە ھۆكۈمىتىدىكى كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تازىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى، كىملەر تەرىپىدىن قانداق باشقۇرۇلىدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ قانداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ جايدا قىيىن-قىستاقلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئورۇنلارنى تاقىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشتە مۇھىم ئىسپاتلاردۇر.»
بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىر-بىرىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن سوفى خانىم يەنە، «بۇ جايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئاجايىپ خاتا دەيدۇ».
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر تەپسىلات ماقالىسىدە گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدە رەسمىي ئىزاھات بېرىشتىن باش تارتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بەزى دۆلەت ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باھانىدە ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغان كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى جىددىي تۈردە، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز ھالدا قاماققا ئېلىپ، جىسمانىي جەھەتتىن قىيناش، ئاچ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جازالاۋاتقانلىقى توغرىسىدا يېزىلىۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدا يەنە، بۇ خىل «قايتا تەربىيىلەش» ھەرىكىتىنىڭ ئىنساننى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشنىڭ خىتايدا، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە بىر قېتىم دەھشەتلىك ھالدا تەجرىبىدىن ئۆتكەنلىكىدەك تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى، بۇنىڭ ھازىرقى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مىللەتچىلىك ئىرادىسى بىلەن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەيدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئاپپاراتىنىڭ ئوبرازى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى شەرھىلەنگەن.
ئاپتور ماقالىسىگە ۋاشىنگتوندىكى جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر دىيارى تارىخى تەتقىقاتچىسى جەيمس مىللۋاردنىڭ «بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئۈچۈن بىر ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنۇشى» دېگەن قارىشىنى قىستۇرغان.
خىتاينىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش» سىستېمىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان تارىخلارنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكىدىكى لويولا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پروفېسسورى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى رايىن سام: «بۇ سىستېمىنى بەلكىم مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئەمما بۇ سىستېمىنىڭ پسىخىكىلىق ئاسارىتى ئۇزۇن مەزگىللىك بولىدۇ. بۇ، كۆپلىگەن ئادەملەر پەقەت ساقىيالمايدىغان بىر نەچچە ئەۋلاد روھىي جاراھەت پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.
سوفى رىچاردسون، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، كەڭ كۆلەملىك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى «تامامەن ئېتنىك قىرغىنچىلىق دېيىشكە بولىدۇ». دېدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەگەر خىتاي قۇرغان قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە گۇناھسىز ھالدا سولانغانلارنىڭ ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى بۇنچە ئېغىر ئىكەن، جىنايەتچىلەر سولانغان تۈرمىلەر قانداق بولىدىغاندۇ؟ دېگەن ئوي پەيدا قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەربىيىلەش مەركەزلىرىدىكى ئىچكى ئەھۋاللارنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇچۇرلار تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ بىۋاسىتە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىنتايىن كەڭ كۆلەملىك ئېغىر دەرىجىدە ئىنسانىي ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىزگە سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. بۇ مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنى، مەيلى ›بىر بەلۋاغ بىر يول‹ بولسۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تىنچلىق ساقلاشتا بولسۇن، ئىقتىسادىي دىئالوگلاردا بولسۇن بىر ياخشى ھەمكارلاشقۇچى دەپ قارايدىغان ھەر قانداق بىرىگە، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، ھېچقانداق بىر خەلقئارالىق قانۇنغا رىئايە قىلمايدىغان بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىدىن جىددىي سىگنال بېرىشى كېرەك دەپ قارايمەن».
ماقالىدا يەنە گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، ئۇنىڭ «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە سولانغانلارنىڭ يۈز مىڭلارچە ھەتتا بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى، 2016-يىلىدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇشقا خىتاينىڭ 100 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم خىتاينىڭ ئاتالمىش سىياسىي «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە پىلانلىرىنى بىلىشتە گېرمانىيەدىكى تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ تەمىنلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن زور ئەھمىيىتى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى ھەققىدە ئادرىئان زېنزنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال تارقاتقان ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىنغان مەلۇماتلارمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، قايسى جايلاردا قانچىلىك تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى قۇرغانلىقى، بۇلتۇردىن باشلاپ قانچىلىك ئادەمنىڭ سولىنىۋاتقانلىقىنى تەخمىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن. بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە بۇلتۇر ئەتىيازدىن باشلاپ دوكلات تەييارلاشقا باشلىغان ئىدۇق، ئەينى چاغدا بىز بۇنىڭ خىتاينىڭ قىسقا مۇددەتلىك بىر تەدبىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدۇق. بۇ ئىسپاتلىق ماتېرىياللار ئەپسۇسكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. خىتاينىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىغا جىددىي دىققەت قىلىشىمىز كېرەك».
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نىڭ ئىچكى سىرلىرى شاھىتلارنىڭ بەرگەن چەكلىك مەلۇماتلىرىدىن باشقا، تەتقىقاتچى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەتقىقات دوكلاتلىرى بىلەنمۇ بارغانچە يورۇتۇلۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىگە تارتماقتا.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ۋە دەلىللىگەن ئۇچۇرلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىق ئادەملەرنى «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا سولاۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى كۆپ خىل مەنبەلەردىن داۋاملىق مەلۇم بولماقتا.