ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىرى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دونالد ترامپنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پېرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بىر پەيتتە ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بولۇپ قالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.

9-نويابىر سەھەردە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاخبارات ساھەسى ئامېرىكىدا تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى. ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ سايلام رەقىبى خىلارىي كلىنتوننى مەغلۇپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى. دەرۋەقە دونالد ترامپ سايلام رىقابىتىگە چۈشكەندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا «ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ھەرقانداق نەرسىدىن ئەلا» دېگەن مەركىزىي ئىدىيە بويىچە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتلىرىدە قاتتىق مەۋقەدە تۇرۇش لازىملىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ يەنە مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىغا كېلىشتىن توسۇۋېتىش، مېكسىكا كۆچمەنلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەرەپلەردە سۆز قىلىشى كۆپ قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن «21-ئەسىردە تەتۈر مۇقام توۋلاش» دەپ تەنقىدلەنگەن ئىدى. دەرۋەقە سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك ھەيران بولغىنى ئاشكارا سورۇنلاردا ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا خىلاپ سۆز قىلغان بىر كىشىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سايلام نەتىجىسىدىن ھەيران بولغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمما دونالد ترامپنىڭ سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى «غەلىبە نۇتقى» دا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سايلام نۇتۇقلىرىدىن روشەن دەرىجىدە پەرقلىق مەزمۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىر قىسىم كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «غەلىبە نۇتقى» دىكى مۇنۇ سۆزلىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئامېرىكا ئۈچۈن ئىختىلاپنىڭ جاراھەتلىرىگە داۋا قىلىشنىڭ پەيتى كەلدى. بىز ئىتتىپاقلىشىشىمىز لازىم. پۈتكۈل جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار، شۇنداقلا مۇستەقىل پارتىيەلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى ھازىر بىزنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشۇپ بىر خەلق بولۇشىمىزنىڭ ۋاقتى يەتتى. مەن باشتىن ئېيتىپ كېلىۋاتقاندەك بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز قانداقتۇر كۈرەش ئەمەس، بەلكى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى ئۇلۇغ ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەت ئۆز دۆلىتىنى سۆيگۈچى مىليونلىغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئۆز بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن (ئامېرىكىنى) تېخىمۇ ئىزگۈ بىر ماكانىغا ئايلاندۇرۇش ئارزۇسىدا قىلغان جاپالىق ئەمگەكلىرى ئاساسىدا روياپقا چىققان. بۇ ھەركەتتە ھەممىلا ئىرق، ھەممىلا دىن، بارلىق ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشلەر، شۇنداقلا تۈرلۈك ئېتىقاد شەكىللىرى زىچ مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرى ‹ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلسىكەن› دېگەن ئارزۇدا يانماقتا. دەرۋەقە بۇ ئارزۇ ئىشقا ئاشقۇسى. ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرۈش ئارقىلىق بىز دۆلىتىمىزنى قايتا قۇرۇپ، ‹ئامېرىكا چۈشى›نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك جىددىي ۋەزىپىنى قولىمىزغا ئالالايمىز.»

دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا جامائىتى ئارىسىدا ۋە دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدە ھازىرقى زامان قىممەت قارىشىنىڭ ئۆلچەملىرىگە خىلاپ مەزمۇندىكى سۆزلىرى ئۈچۈن تەنقىدلەنگەن تۇرۇقلۇق يەنە بۇ قېتىمقى سايلامدا يېڭىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە كانادادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە بۇ قېتىمقى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ھاكىمىيەتنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا قارىتا ئېلشات ھەسەن ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ھەرقاچان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە بىر ياقلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەمەت توختى بولسا بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا يولغا قويغان ئىنسان ھەقلىرى ۋە باشقا ھەق-ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى سىياسەتلەرنىڭ بىر ياققا قايرىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئالغا سۈردى.

دەرۋەقە يېڭى پرېزىدېنت سايلىمى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرىلەر بولۇۋاتقان بىر پەيتتە بۇنىڭ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سىياسەت ئالاقىسىدا مۇئەييەن ئورۇن ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قايسى دەرىجىدە باغلىق بولۇشىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتا.