ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت ئامېرىكا سودا مىنىستىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ۋە تەقىبلەش ھەرىكەتلىرىدە ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنى دەرھال نازارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار مەكتۇپىدا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرلىرىغا بەزى تېخنىكا ۋە ئەسۋابلارنى سېتىپ، ئۇنىڭ ساقچى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تەقىبلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم قىلغانلىقىغا دائىر دەلىللەر بارلىقىنى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانائەت-بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بۇ ئەھۋالنى دەرھال تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلا رمەكتۇبىدا: «خىتاي ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە باشقا جايلاردىكى ھەرىكەتلىرىدە ئېغىر مەسىلە بار. ئۇلار خەلقئارادا بىردەك قوغدىلىدىغان قانۇن تەرتىپ، شەخسىي مەخپىيەتلىك، يىغىلىش، دىنىي ئىبادەت ۋە شۇنداقلا تەن جازاسى ھەم خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا قارشى خەلقئارا چەكلىمىلەرگە ئىزچىل خىلاپلىق قىلماقتا. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان خورلاشلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، خۇسۇسەن ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز خەلقىنى سىستېمىلىق ھالدا قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك ئۆرنىكىدۇر» دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ئەزاسىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە 2-قېتىم خىتاينىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلىشىدۇر.
ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى تۈزەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكىدا تىجارىي ئەخلاق، دېگەن بىر ئۇقۇم بار. ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئۆزى كەشىپ قىلغان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ، تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدەك بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزى خەلقىنى ئېزىشىگە سەۋەب بولىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان بىر ئامىل بولۇپ قېلىشى ئامېرىكىنىڭ تىجارىي ئەخلاقى، كىشىلىك خاراكتېرى ۋە مىللىي ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر مەسىلە. يىغىپ ئېيتقان چاغدا بۇ دىپلوماتىك ياكى سىياسىي جەھەتلەردىن ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىيەت بولمىغان چاغدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئۇشبۇ ھاكىمىيەتنىڭ قىلمىشلىرىنى تۈزەشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە زورلايدىغان ئىشلار بولغان. مەن بۇنى ئامېرىكىنىڭ تىجارەت جەمئىيىتىدىكى خىتايغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقانلارغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ قىلمىشىنى تۈزەشكە ئۇرۇنۇش، دەپ ئويلايمەن.»
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو يېقىندا ئامېرىكىدىكى تېرمو فىشىر بىئولوگىيەلىك ئەسۋابلار شىركىتىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىگە د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى رەتلەش ئەسۋابى ساتقانلىقىنى سۈرىشتۈرگەن. ئۇلار مەكتۇپىدا، بۇ شىركەتتىن مەھسۇلاتىنى خىتاينىڭ قانداق مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقى، خىتاينىڭ بۇ ئەسۋابلارنى ناتوغرا ئىشلارغا ئىشلىتىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدىغانلىقى قاتارلىق سوئاللارنى سورىغان ئىدى.
مەزكۇر شىركەتنىڭ يۇقىرىقى سوئاللارغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن كرىستوفىر سىمىت بىلەن ماركۇ رۇبىيو ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسقا يازغان مەكتۇپىدا، تېرمو فىشىر شىركىتىنىڭ خىتاي ج خ دائىرلىرىغا د ن ئا رەتلەش ئەسۋابى ۋە ئىلغار تىپلىق گېنىتىكىلىق ئانالىز ماشىنىسى ساتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا يەنە كانادانىڭ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گرازھدانلار لابولاتورىيەسى بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سۈزۈۋېلىش، چەكلەش ۋە تەقىبلەش ئىقتىدارىغا ئىگە يۇمتاللارنى ساتقانلىقىنى بايقىغانلىقى، بۇ يۇمتاللارنىڭ سۈرىيە، ۋېنېزۇئېللا ۋە رۇسىيەدەك ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكتىلىگەن.
بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئۈنۈملۈك توسىمەن دېسە، ئۇ شەخسلەرگە ئېمبارگو قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك، شەخسلەر بىلەن بىللە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنى جازالاشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ساراھ كۇك مۇنداق دەيدۇ: «بىز بەزى ھادىسىلەردە شىركەتلەرگىمۇ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش دېگەندەك ئېمبارگولارنى قويۇشىمىز كېرەك. پەقەت شەخسلەرنى ئېمبارگو قويۇپ جازالاپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان كونكرېت شىركەتلەرگە ئېمبارگو قويۇش بۇ مەسىلىنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۈك چارىسى. يەنە بىر مەسىلە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەقىبلەش تېخنىكىسىنى سېتىش مەسىلىسىدۇر. مېنىڭ بىلىشىمچە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بەزى شىركەتلەرنىڭ د ن ئا رەتلەش ئەسۋابىنى ساتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ شىركەتلەرگە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش ياكى قانۇنى چەكلىمىلەرنى قويۇشمۇ ئۇلارنىڭ بۇ ئەسۋابلارنى ئېكسپورت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ».
ساراھ كۇكنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەگەر پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا يۈرگۈزىدىغان ئىقتىسادىي ئېمبارگونىڭ سەۋەبلىرىنى كىشىلىك ھوقۇققا باغلىسا، ئۇ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىكەن. ساراھ كۇك مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ھەر خىل جىددىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش مۇمكىن. بەزى ئېمبارگولار ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش دېگەندەك ۋاسىتىلەر بىلەن ماگنىتىسكىي قانۇنىغا ئوخشاش شەخسلەرگە مەركەزلەشسە بولىدۇ. مەزكۇر قانۇن بويىچە ئېلان قىلىنغان تىزىملىك ھەممىمىزگە مەلۇم. لېكىن، بۇ يەردە يەنە بىر خىل ئىقتىسادى ئېمبارگو بار. بۇ دىنىي ئەركىنلىكى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىكى ئەللەرگە يۈرگۈزۈلىدۇ. ئۇزۇن يىللار بولدى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويۇلۇپ باقمىدى. ئەگەر بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەتتىكى ئىقتىسادى ئېمبارگوسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، ھۆكۈمەت 'بىز ئىقتىسادى سەۋەبلەر شۇنداقلا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ناچار دۆلەت بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك بۇ ئېمبارگونى يۈرگۈزۈۋاتىمىز دېسە، بۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.»
لېكىن ئادۋوكات نۇرىي تۈركەلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدىكى دىققەت نۇقتىسى پەرقلىنىدىكەن. ئۇ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە «تۈز مەيدان يوقلۇقى» نى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مەسىلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھۆكۈمىتىنىڭ دىققەت نۇقتىسى پەرقلىنىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ ماركۇ رۇبىيونىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاممىۋى سورۇنلاردىكى غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان مەسىلىلەردە خىتاي تەھدىتى، دېگەن مەسىلە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. لېكىن، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان تاشقى سىياسىتىگە قارىساق، ئامېرىكىنىڭ تىجارەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن باج ئېلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمدى دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىئىنەزىرى بىلەن ئىش قىلغاندا ھەرقانداق ئىش ئارقىدا قالىدۇ. بۇ يەردە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي تەھدىتى دېگىنى مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ھۆكۈمەت تىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقاچقا بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى دېگەننىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەي قالدى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مەسىلىلەردە ئىش بىرلىكى، سۆز بىرلىكى بولمىغاچقا تۈز مەيدان يوق».
ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىمىت ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو ئامېرىكا سودا مىنىستىرىغا يازغان مەكتۇپىدا يەنە ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا 500 مىڭدىن بىر مىليونغىچە كىشىنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولىنىپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ يەنە نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش ئەركىنلىكى، ئىپادە ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىگەنلىكى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاخىرىدا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭ ج خ نازارىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئورگانلارنى يۇقىرىقى تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشكە خاتىمە بېرىش ياكى چەكلىمە قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان -ئويلاشمايۋاتقانلىقى» نى سورىغان.
0:00 / 0:00