ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى نورۇز چېچەكلىرىگە پۈركەنگەن ۋاشىنگتوندا نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋالدى

0:00 / 0:00

پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسى ئويغىنىۋاتقان، ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭشىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن باھار پەيتىدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى يېڭى بىر يىللىق نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋالدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارراك ئوبامانىڭ 19 - مارت كۈنى ئىران ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلايدىغان خەلقلەرگە يوللىغان نورۇزلۇق سالىمى بۇ يىللىق نورۇز كەيپىياتىنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتۈردى.

ۋاشىنگتونغا قوشنا ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ فەيىرفاكس رايونىدىكى «ئامېرىكا - تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتى» گە جەم بولغان ئۇيغۇر جامائىتى 20 - مارت چۈشتىن كېيىن 2016 - يىللىق نورۇز پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى باشلىنىش نۇتقى سۆزلەپ، ئالدى بىلەن جامائەتنىڭ نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ھەم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، ھادىسىلەر ۋە يېڭىلىقلارنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر خەلقى شۇنچە يوقىتىشلارغا قارىماي ھېلىھەم ئۈمىد بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ قەلبىدە كەلگۈسىگە نىسبەتەن يېڭىچە ئارزۇ - ئارمانلارنىڭ جۇش ئۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، مۇھاجىرەتتە ياشۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھامان بىر پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسى ئويغىنىۋاتقان، ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭشىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن باھار پەيتىدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى يېڭى بىر يىللىق نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋالدى.كۈنى ئۆز ۋەتىنىگە قايتالايدىغانلىقىغا شۇنداقلا ئانا تۇپراقتا نورۇز بايرىمىنى قۇتلىيالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشاتت ھەسەن ئەپەندى ۋاشىنگتوندىكى نورۇز پا'ئالىيىتىدە سۆز قىلماقتا
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشاتت ھەسەن ئەپەندى ۋاشىنگتوندىكى نورۇز پا’ئالىيىتىدە سۆز قىلماقتا


نورۇز پائالىيىتى داۋامىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلىپ، نورۇز پائالىيىتى ئۈچۈن مەخسۇس سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلاپ كەلگەن ياشلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى.

ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن «ئانا يۇرتۇم» ناملىق ناخشىسىنى جامائەتكە تەقدىم قىلغان ئۇيغۇر ياش دانىيار جامائەتنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن يەنە بىر يۈرۈش خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى.

خۇددى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارراك ئوباما بۇ يىللىق نورۇز نۇتقىدا تەكىتلىگەندەك، باھار ئۆزىنىڭ ئىللىق تىنىقى بىلەن ھەر بىر قەلبكە ئۈمىد ۋە ئاسايىشلىق ئېلىپ كەلگۈسى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ نورۇز چېچەكلىرى ھۈپپىدە ئېچىلىشقا باشلىغان پايتەخت ۋاشىنگتوندا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئارمانلىرى بىلەن نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋالدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.