ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى زىددىيەتلەرنىڭ كۆلەڭگۈسىدە باشلاندى

0:00 / 0:00


ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىڭگتوندا باشلاندى. 7 - نۆۋەتلىكى ھىسابلىنىدىغان بۇ دىئالوگ دەل خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا قۇرۇۋاتقان سۈنئىي ئاراللار مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تور سىستېمىسىغا قىلىنغان زور كۆلەملىك تور ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. كۈزەتكۈچىلەر بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ سۆھبەتتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماقتا بىراق يىغىندا چىقىدىغان نەتىجىگە قارىتا ئۈمىد ئىنتايىن ئاز. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى - 23ئىيۇن كۈنى پايتەخت ۋاشىڭگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي باشلاندى. مۇراسىىمغا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي، مالىيە مىنىستىرى جەيكوب لىيېۋ ۋە شۇنداقلا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جېچى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. بۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ قېتىم بۇ دىئالوگنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە بەزى مۇھىم مەسىلىلەر كۆرۈلگەن مەزگىلدە ئېچىلىشى يىغىنغا بولغان قىزىقىشنى كۈچەيتتى.

چۈنكى تېخى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تور سېسىتىمىسىغا قىلىنغان خاككىرلىق ھۇجۇمىدا مىليونلىغان ھۆكۈمەت ئىشچى - خىزمەتچىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلىنىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسەن بۇنىڭدا خىتاينىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق - ئاشكارە تەنقىد قىلغان ئىدى. ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتىقىدا مانا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتتى. جو بايدىن سۆزىدە تور تېخنىكىسىنى ئىقتىسادىي قورال ۋە ياكى ئىقتىساد جاسۇسلۇقى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان دۆلەتلەر قىسقا مۇددەتلىك پايدىنى كۆزلەپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدىنى قۇربان قىلماقتا. مەسئۇلىيەتچان دۆلەتلەر رىقابەتنىمۇ مەسئۇلىيەت بىلەن قىلىدۇ، دېدى.

بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەيكوب لېۋمۇ ئالاھىدە توختىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراتقان تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئويلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشتا تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزغا ياساۋاتقان سۈنئىي ئاراللىرىمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. تېخى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر چارلىغۇچى ئايروپىلانى جەنۇبىي دېڭىزدىكى بۇ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە خىتاي دېڭىز مۇداپىئە چارلىغۇچى قىسىملىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە ئامېرىكا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھاۋا ۋە سۇ يوللىرىنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق بولۇشى، بۇ يوللارنىڭ راۋان بولۇشىدا ئامېرىكىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. مۇئاۋىن پرېزىدېنت جو بايدىن سەيشەنبە كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتىقىدا بۇ نوقتىنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە دۇنيادىكى تىجارەتنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ مانا مۇشۇ دېڭىز يولىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «مەسئۇلىيەتچان دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئىش كۆرىدۇ ۋە خەلقئارا دېڭىز يوللىرىنىڭ تىجارەتكە ئوچۇق قېلىشى ئۈچۈن ھەمكارلىشىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىينىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئافغانىستان مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىز ۋە تور بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرى ئامېرىكا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مىليونلىغان ئىشچى - خىزمەتچىگە ئائىتــت ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلىنىش مەسىلىسىنى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئوچۇق - ئاشكارە تىلغا ئېلىپ، تەنقىد قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ ئاخباراتقا يېپىق يىغىنلاردا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان ۋە ھارارەتلىك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولىدىغان ئەڭ مۇھىم تېما بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد ھەمكارلىق يىغىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدا پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان 9 كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەكىتلىگەن. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى. بىرلەشمىنىڭ رەئىسى ئالىم سيىتوف ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇ يىغىنغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما سۆھبەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، مۇئاۋىن پرېزىدېنت جو بايدىن نۇتىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار، ئاز سانلىق مىللەتلەر، ژورنالىستلار، دىنى لىدىرلار ۋە شۇنداقلا مۇستەقىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىگە سۇئال قويدى ۋە «مەسئۇلىيەتچان دۆلەتلەر ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ. پەقەت توغرا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئامىل بولغانلىقى ئۈچۈن» دېدى.

بۇ قېتىملىق ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگىغا خىتاي دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىگىدە 400 كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ۋاڭ ياڭ سۆز قىلغاندا ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قىلىنغان تور ھۇجۇملىرى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى ئىشارەت سۆزلىرىگە جاۋابەن يۇمىلاق جاۋابلارنى بەردى. ۋاڭ ياڭ سۆزىدە تور بىخەتەرلىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، بۇ ساھەدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قارىتا قىلغان سۆزىدىمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەممە مەسىلىسىدە ئورتاقلىشىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما دېڭىز يولىنىڭ راۋانلىقى مەسىلىىىسدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا قىلىنغان دەبدەبىلىك سۆزلەرنىڭ ئەكسىچە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بۇ يىغىندىن چىقىدىغان نەتىجىگە بولغان ئۈمىدى ئىنتايىن ئاز. نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر بۇ سۆھبەتتىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قولغا چىققۇدەك نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي ھەم شۇنداقلا مۇئاۋىن پرېزىدېنت جو بايدىن ھەر ئىككىلىسى ئېچىلىش نۇتىقىدا قىلغان سۆزىدە بۇ نوقتىنى ئەسكەرتىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلىلەردىن ئەلۋەتتە بىر قېتىملىق يىغىن بىلەنلا نەتىجە ئېلىشنى كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەمما ھېچ بولمىغاندا مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە سەمىمىيلىك بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئىجابىي يۆنىلىشكە قەدەم تاشلاشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. جو بايدىن قايتا - قايتا تەكىتلەپ «ئامېرىكا سەمىمىي ۋە مەسئۇلىياتچان رىقابەتچىلەرنى قارشى ئالىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىنغان رىقابەت ئەمەلىيەتتە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى راھەت ئۇيقۇسىغا پېتىپ قالغان ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ بىر قوزغاتقۇچ كۈچ!» دېدى.