ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى: «خىتاي ‏- دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە ئامېرىكا خەۋپسىزلىكىگە ئەڭ چوڭ خەۋپ»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى يېقىندا «رىقابەتلىك دۇنيادا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش» ناملىق بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان ئىدى.

يىغىندا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن مەزكۇر كومىتېت رەئىسى ئەد رويس ئۆتكەن 10 يىلدا دۇنيا دېموكراتىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك چېكىنگەنلىكى، بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكىنىڭ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكى، دېموكراتىيەنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئامېرىكىغا ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەد رويس: «خىتاي دېموكراتىيەمىزنىڭ ئۇلىنى كولاپ كەلدى»

ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللارنى بىر-بىرلەپ تىلغان ئالغان ئەد رويس ئەپەندىم مۇنداق دېدى: «دۇنيادا دېموكراتىيەنىڭ ئەكسى بولغان دىكتاتور دۆلەتلەر كېمەيگەندە ئامېرىكا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ. ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەر ئۆز دۆلەتلىرىدىكى باستۇرۇشلىرىنى چەتئەللەردە دۈشمەن يارىتىش ئارقىلىق ياپماقچى بولۇشىدۇ. بىز بەھرىلىنىۋاتقان ئەركىنلىك مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرگە تەھدىت بولغاچقا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۇ خىلدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەبىئىي ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. بىز بۇلارغا رۇسىيە، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەدە شاھىت بولدۇق.»

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ياراتقان رىقابەتلەر بىلەن تېخىمۇ مۈشكۈللەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن رويس ئەپەندىنى يەنە مۇنداق دېدى: «دېموكراتىيە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى كۈچەيتىۋاتقان رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق ھاكىممۇتلەق رېجىملار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك ئەللەرگە جان-جەھلى بىلەن ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، بىزنىڭ دېموكراتىيەمىزنىڭمۇ ئۇلىنى كولاپ كەلدى. بەزى گۇۋاھچىلار بۇ ھۇجۇملارنىڭ كەڭ كۆلەملىكى ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

بۇ نۇقتىدا ئەد رويس بىلەن ئورتاق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان كومىتېت ئەزالىرىدىن ئېلىيوت ئەنگېل ئەپەندى دېموكراتىيەنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا ئافرىقادىن ئاسىياغىچە بولغان ئەللەردە كۆرۈنەرلىك چېكىنگەنلىكىنى، 2014-يىلىدىن بۇيان خىتاي ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى ئالاھىدە ساناپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ جەرياندا ئۆز پۇقرالىرىنى باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسىي تۈزۈلمىسىنى غەرب دېموكراتىك قىممەت قارىشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈردى.»

كارل گېرشمان: «خىتاي سىياسىي جەھەتتىن قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئەمەس»

يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى خادىملىرىدىن باشقا يەنە ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى، دۆلەتلىك دېموكراتىيە تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى گۇۋاھلىق بەردى.

ئۇلار سۆزلىرىدە دۇنيادا دېموكراتىيە مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ھەر خىل نۇقتىلاردىن شەرھلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر نۇقتىدا پىكىرلىرى ئورتاق ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، خىتاينىڭ دۇنيا دېموكراتىيەسىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپلىرى ئىدى.
ئالدى بىلەن سۆز ئالغان ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان ئەپەندىم خىتاينىڭ دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئەندىزىسىنى باشقا ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىشقا، ئىقتىسادىي ئۇتۇقلىرىنى پەش قىلىپ ئۆزىنى بىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە خىتاي ھەققىدىكى بايانلىرىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەمما، خىتاي سىياسىي جەھەتتىن قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئەمەس. شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن ‹تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى›، ماۋزىدۇڭچە بالايىئاپەتلەردىن ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› ۋە ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش› قاتارلىقلار ئۈستىدە سۆز ئېچىشىنى ‹تارىخىي بىمەنىلىك› دەپ چەكلىدى؟ نوبېل ساھىبى ليۇ شياۋبونى يوقىتىش ۋە يۈزلىگەن ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش، خىتاي يەر ئاستى چېركاۋلىرىنى بېسىقتۇرۇش، تىبەت ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش نېمە ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ قالدى؟»

كارل گېرشمان يەنە خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۈشمەن يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىستىك تۈزۈلمىسىنىڭ ھامان مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئۆلۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوشلۇقنى مىللەتچىلىك بىلەن تولدۇرۇش ئارقىلىق بۇ رېجىمنىڭ كۆپ ئادەملەرنى جەلپ قىلالايدىغان بىر قىممەت قارىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغانلىقىدەك ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىدى. شۇنداق ئىكەن، پرېزىدېنت رېگان ئەينى يىلى ‹ۋېستمىنستېر نۇتقى› دا سۆزلىگەندەك بىز نېمىشقا ئاتالمىش ‹خىتاي ئەندىزىسى› نىڭ تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگۈدەكمىز؟»

سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى رونالد رېگان 1982-يىلى لوندون شەھىرىنىڭ ۋېستمىنستېر رايونىدىكى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا قىلغان نۇتقىدا «ماركسىزم ۋە لېنىنىزم ئىدېئولوگىيەسى» نىڭ «بارلىق ئەركىنلىكىنى بوغقۇچى زالىم كۈچلەرگە ئوخشاشلا مۇقەررەر ھالدا تارىخىنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

دەرۋەقە، ئارىدىن 10 يىل ئۆتە-ئۆتمەي دۇنيا كوممۇنىزمنىڭ بايراقدارى سۈپىتىدە خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەرگە ھامىي بولغان سوۋېتلار ئىتتىپاقى غۇلىغان ۋە خەلقئارا سەھنىدىن مەڭگۈلۈك غايىب بولغان ئىدى.
يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ يەنە بىرى، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ خىتاينى غەرب دېموكراتىيە سىستېمىسىغا باشلاپ كىرىش قارشىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى، خىتاينىڭ ئۆز ئىقتىسادىي ئۇتۇقلىرىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق دۆلەت ئەندىزىسىگە قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقى بولدى.

يىغىندا سۆز قىلغان خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دانىيېل تىۋىن دۇنيا دېموكراتىيەسى دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتلەرنى بىرمۇ-بىر ساناپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ئارىسىدا رۇسىيە ۋە خىتاي دۇنيا دېموكراتىيەسىگىلا ئەمەس بەلكى ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگىمۇ بىۋاسىتە تەھدىت تۇغدۇرماقتا ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تاكامۇل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ ئاداققى مەقسىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى يېتەكچى ئورنىنى ئېلىش.»
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھاكىم مۇتلەق تۈزۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىنىڭ كىچىك دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسىگە تارتىپ كىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بۇ ئەللەردە سىياسىي چىرىكلىك پەيدا قىلىپلا قالماي، ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كۈچلەرنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ياراتقان ئۇتۇقلىرى بىلەن غەرب دېموكراتىيەسىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان سىياسىي باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

كارل گېرشمان: «نۆۋەتتە بىر مىليون ئۇيغۇر لاگېرلارغا قاماقلىق»

بۇ نۇقتىدا توختالغان ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان ئەھۋال شۇنداق بولغان تەقدىرىدىمۇ خىتايدا دېموكراتىيەنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خىتايدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇسۇلمان دۇنياسى، جۈملىدىن پۈتۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان زۇلۇملارغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ جەرياندا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانداق ھەرەجلەرنى تارتىۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى جىسمانىي قىرغىنچىلىق، دەپ قاراشقا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھازىر ‹جازا لاگېرلىرى› ۋە ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا بەند قىلىندى. نۆۋەتتە بۇ لاگېرلارغا بىر مىليون ئۇيغۇر قاماقلىق. مۇسۇلمان دۇنياسى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى. بۇ يەردە تىبەت مەسىلىسىمۇ بار. بىز بۇ ھەقتە خىتايغا رىقابەت ئېلان قىلىشىمىز كېرەك.»

دۆلەت مەجلىسى چاقىرغان بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا «ئەركىنلىك سارىيى» يېقىندا ئېلان قىلغان «2018- يىلىدىكى دۇنيا ئەركىنلىكى: دېموكراتىيە كىرسىزتا» ناملىق دوكلات كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى.

مەزكۇر دوكلاتتا دۇنيا نوپۇسىنىڭ 25 پىرسەنتىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەركىن ئەمەسلىكى، بۇلارنىڭ ئاساسلىقى خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەللەردە ياشايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

«ئەركىنلىك سارىيى» دىكى ئالىي تەتقىقاتچى ساراھ كۇك خانىم ئۆز تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن بۇيان دۇنيا دېموكراتىيەسىدە جىددىي تۆۋەنلەش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ نۇقتىدا مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئۆز بېشىمچى، مۇستەبىت دۆلەت ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى جىمىقتۇرۇشى، ئۆز چېگراسى ئىچى-سىرتىدىكى دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن پائال شۇغۇللىنىشى، بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئۆز قىممەت قارىشىنى قوغداشتا مەھكەم بولماسلىقى، مۇساپىرلار كرىزىسى، بۇنىڭغا ياندىشىپ باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان مۇشتۇمزورلۇق زېھنىيىتىدىكى رەھبەرلەر دۇنيا دېموكراتىيەسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللاردۇ.»

ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنىڭ قارىشىچىمۇ ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان سەھنىلەردە سۇسلۇق قىلىشى ياكى چېكىنگەندەك كۆرۈنۈشى خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشنى ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۈچەيتىدىكەن.

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش مۇمكىن؟

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، دۇنيا دېموكراتىيەسىنى قوغداش ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش مۇمكىن؟

بۇ سوئال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا ئالاھىدە مۇنازىرە قىلىنغان ئىدى.

يىغىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، تەيۋەن، خوڭكوڭلارنى خىتاينىڭ تەسىر كۈچىدىن قوغداپ كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

باشقا مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ غەربىنىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىن ئاخبارات ساھەسىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ساھەسى، رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە دېموكراتىيەنى تەرغىب قىلغۇچى تەشكىلاتلارنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ تەسىرنى چەكلەش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، سارا كۇك خانىم بولسا ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەرنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئەللەردە ئېلىپ بارغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۆز قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ تاقابىل تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ يامان غەرەزلىك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە چەك قويۇشى، جاسۇسلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشى، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىلدىكى دۆلەتلەرگە يەنە سىياسىي تەدبىر قوللىنىشنىڭمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بايانات ئېلان قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. تاشقى سىياسەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ياقلاش باياناتلىرىغا ھەقىقىي تەدبىرلەرمۇ يانداشقان بولۇشى كېرەك. ‹يەر شارى ماگنىتسكي قانۇنى› نى ئىشقا سېلىش، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان شەخسلەرنى جازالاش، ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

بۇ نۇقتىدا نۇرى تۈركەلمۇ ئوخشاش قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ دۇنيا دېموكراتىيەسىنىڭ ئۇلىنى كولاش ھەرىكەتلىرىگە قارىشى تەدبىر ئېلىنمىسا، دېموكراتىيە كەلگۈسىدە تارتىدىغان تالاپەتلەرنى مۆلچەرلەش قېيىن بولىدىكەن.