ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمىس مەتتىسنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرى بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئەمەلدىن قالغان.

گەرچە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى پەنتاگون بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي بىر ئېنىقلىما بەرمىگەن بولسىمۇ ئەمما بۇنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىدىن باشلانغان يىرىك مۇناسىۋەت ھازىر تېزلا باشقا ساھەلەرگە كېڭەيمەكتىكەن. مەسىلەن، 24-سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەنە 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي ماللىرىغا چېگرا بېجى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي 60 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا مېلىغا باج ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سودا سۆھبىتىنى بىكار قىلغان.
ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا رۇسىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالغان بىر خىتاي دۆلەت شىركىتى ۋە ئۇنىڭ باشلىقلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تەيۋەنگە 330 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي قورال ياراق سېتىپ بېرىشنى رەسمىي تەستىقلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغاندىن باشقا، بۇنىڭغا جاۋاب ئورنىدا بىر ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ خوڭكوڭ پورتىغا قىلىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

28-سېنتەبىر جۈمە كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا قورال-ياراق ۋە مەرگەنلەرنى ئىشقا سېلىپ قىلغان بىر مانېۋىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تارقاتقان.

بۇ بىر يۈرۈش ئەھۋاللار ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇش تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر باسقۇچقا كىرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھازىر يىللاردىن بېرى بىز كۆرۈپ كەلگەندىن پەرقلىق بىر باسقۇچقا كىردى. خىتاي تەرەپتىن قارىغاندا بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق دۇنيادا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا يۈز بەردى. ئەمما مەن ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ سودا ئىختىلاپلىرىنى ئاساسەن ئىچكى سىياسەتنى مەنبە قىلغان دەپ قارايمەن. چۈنكى، خىتاي يىللاردىن بېرى ئامېرىكا بىلەن سودىدا ھەقسىز رىقابەت قىلدى، ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش، تور ھۇجۇملىرى قاتارلىق ۋەقەلەر كۆپلەپ يۈز بەردى. ھازىرقىسى مانا بۇلارغا قايتۇرۇلغان بىر ئىنكاس ۋە مەن بۇنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى بىر ۋەزىيەت دەپ قارايمەن».

دەرۋەقە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى دراماتىك ئۆزگىرىشلەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ب د ت دە قىلغان سۆزىدە ۋە كېيىن تىۋىتتېرغا يوللىغان رەسىمىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك سايلىمىغا قول تىقىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ «ئۇلار مېنىڭ قايتا سايلىنىشىمنى خالىمايدۇ. چۈنكى، مەن سودىدا ئۇلارغا رىقابەت ئېلان قىلغان تۇنجى پرېزىدېنت. بىز سودىدا ئۇلارنى يېڭىۋاتىمىز. ھەممە نەرسىدە ئۇلارنى يېڭىۋاتىمىز. بىز ئۇلارنىڭ ئالدىمىزدىكى سايلامغا قول تىقىشىنى خالىمايمىز» دېدى. ئارقىدىن ئۇ تىۋىتتېر تورىغا خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تارقىتىلىدىغان بىر گېزىتىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ «خەۋەردەك قىلىپ تارقىتىلغان بۇ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل بېرىپ چىقارتقان» دەپ يازغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلاردىن مەت پوتتىنگېر 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا بېرىلگەن زىياپەتتە دىپلوماتىيەگە ئانچە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر سۆزنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشتىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كېلەر ھەپتە بولسا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پېنس مەخسۇس ھالدا خىتاينىڭ خەلقئارادا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن مەخسۇس بايانات بېرىدىكەن.

ھېنرىي شاجېسكى سۆزىدە ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى قوللانغان بۇ تەدبىرلەرنى ئىلگىرىكى ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت قوللىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ: «ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سوغۇق ئۇرۇش قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭدىكى تەرەپ خىتاي بىلەن ئامېرىكا، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇنداق ھالغا كېلىشى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولغاچقا ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش قېيىن. ئەمما مەن ئامېرىكا خىتايغا قارشى قويۇۋاتقان سودا تەدبىرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جازالاش ئۈچۈنمۇ بەزى تەدبىرلەرنى قوشسا بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولغان بولاتتى» دېدى.