سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ب-52 تىپلىق ئىككى دانە بومباردىمانچى ئايروپىلانى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بوشلۇقىدىكى «ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى» غا بىمالال ئۇچۇپ كىرگەن.
كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، خىتاي تەرەپ ئۆتكەن شەنبە كۈنى سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىنى خىتاينىڭ «ھاۋادىن مۇداپىيەلىنىش رايونى» دەپ جاكارلاپ 48 سائەت ئۆتكەندە بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن. ۋەقەدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۈتۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تەرەپ ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈنگىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان. پەقەت 27-نويابىرغا كەلگەندە ئاندىن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان «ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى» دا 2 سائەت 22 مىنۇت ئۇچقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. خىتاي تەرەپ مەزكۇر ئىنكاسنى ئېلان قىلغان چاغدا «جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى ئۈنۈملۈك ھالدا كونترول قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە» دېگەن جۈملىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» بىلەن «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» بۈگۈن مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئامېرىكا، خىتاي ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان «ئۈچ بۇرجەكلىك دىپلوماتىك سۈركىلىش» كە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، «ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتاي ئۆز ئالدىغا بېكىتكەن ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش بوشلۇقىنى تۇنجى قېتىم سىناپ كۆرگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە يەنە، ئىلگىرى خەلقئارا ھاۋا قاتنىشىدىكى ئەركىن ئۇچۇش رايونىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇيۇقسىزلا كونتروللۇققا ئېلىنىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر دىپلوماتىك ئويۇن ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا شەرق-غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ياڭ لىيۈ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ياڭ لىيۈ ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى خەلقئارا ئەركىن ئۇچۇش رايونىغا چەكلىمە قويۇشىنىڭ مەقسىتى ئالدى بىلەن رەقىبى ياپونىيەگە، ئاندىن ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ھېچقانداق ئەسكەرتىش بەرمەيلا مەزكۇر رايونغا ئۇچۇپ كىرگەندە جۇڭگو تەرەپ بىر كۈنگىچە ئىنكاس بىلدۈرمەي جىم تۇرۇۋالدى. بۇ ھال جۇڭگونىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكىنى، بەلكى ھەربىي كۈچ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئامېرىكىدىن خېلىلا ئارقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ دېدى.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ نۆۋەتتە تىنچ ئوكياندىكى ئىستراتېگىيەلىك چوتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئەركىن ئەكرەم ئاخىرىدا يەنە، خىتاينىڭ، ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى «ھاۋادىن مۇداپىيەلىنىش رايونى» غا كىرىپ بىر كۈن ئۆتكەندە كېچىكىپ ئىنكاس بىلدۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.
مەلۇمكى، سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي ئاراللىرىغا يېقىن ئادەمسىز تاقىم ئارال بولۇپ، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن تەيۋەننىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى دېڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئاراللارنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ياپونىيە باشقۇرۇپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيەگە مەنسۇپ. خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزلارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سېنكاكۇ ئاراللىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىق نىيىتىمۇ ئېشىپ بارغان. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ پىلتىسى بولۇپ كەلمەكتە.