ۋال سترېت ژۇرنىلى: «شىنجاڭدىكى 12 كۈن: خىتايدىكى تەقىب سىستېمىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتنى ۋەيران قىلىشى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.20
pichan-lukchun-weqesi-muxbir.jpg خىتاي ساقچىلىرى پىچان ۋەقەسىدە مۇخبىرلارنىڭ قولىدىكى رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنى تارتىۋېلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 28-ئىيۇن.
AFP

يېقىندا ئامېرىكىدىكى «بازفىد» ۋە «بىرلەشمە ئاگېنتلىق» قاتارلىق داڭلىق تاراتقۇلار مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىۋاسىتە زىيارىتى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. 19-دېكابىر كۈنى بۇ خىل ماقالىلەردىن يەنە بىرى ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىندى.

«شىنجاڭدىكى 12 كۈن: خىتايدىكى تەقىب سىستېمىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتنى ۋەيران قىلىشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالە ۋە ئۇنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان قىسقا فىلىمدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن.

«ۋال سىترىت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا چېگراسى بولغان بۇ شەھەر بەلكىم يەر شارى ئۈستىدىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان يەر بولسا كېرەك. . . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلار شىددەت ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنى خۇددى بىر يۇقىرى تېخنىكا بىلەن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەجرىبىخانىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. بەزى ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىستېمىنى پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتە»

مۇخبىر جوش چىن خەۋىرىدە، ئۈرۈمچىدە پويىز ئىستانسىلىرىدىن تارتىپ، كوچا-كويلارغىچە، سودا-سېتىق مەركەزلىرىدىن دوختۇرخانا-بانكىلارغىچە ھەممىلا يەردە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بارلىقىنى، ئادەم يۈزىنى تارايدىغان ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق مېھمانخانىلارغا كىرىپ-چىققان ھەممە كىشىنىڭ يۈزىنىڭ رەسىمگە ئېلىنىدىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ بىر خىل ئۈسكۈنە ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىدا سىياسىي مەزمۇندىكى ۋىدىيولار ياكى گۇمانلىق مەزمۇنلار بار-يوقلىغىنى تەكشۈرىدىغانلىقى ھەتتا ئاپتوموبىلغا گاز قاچىلاش ئۈچۈنمۇ شوپۇرلارنىڭ كىملىك كارتىسى تەكشۈرۈشى ۋە يۈز رەسىمىنىڭ تارتىلىدىغانلىقىنى، قىسقىسى، ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بىر قەدىمىنىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مۇخبىر ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەۋپسىزلىك ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسىدە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىگە يۈز تارايدىغان ئۈسكۈنە ساتقان گۇاڭجۇدىكى ‹كلاۋدۋالك› تېخنىكا شىركىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن ‹ئۇيغۇر ئېلى دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان جاي› دېدى. ئۇنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ساقچى قىسىملىرى ھەر يۈز مىڭ ئادەمنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساقچىلار مىليونلارچە كىشىنى نازارەت قىلىدىكەن.»

مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۋىتتېر ۋە فېيسبوك قاتارلىق تور بەتلەردە نۇرغۇن قېتىم ھەمبەھىرلىنىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. تۋىتتېر تورىدىكى ئىنكاسلاردا بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قايتا قايتا تىلغا ئېلىندى. بەزىلەر ئىنكاسلىرىدا بۇنداق ئېغىر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادە قىلىشتى. ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىممۇ بۈگۈن بىزگە يازغان ئېلخېتىدە بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە «يۇقىرىدىكى خەۋەر ماقالىسىدىكى ۋەقەلەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىنتايىن غەش قىلىدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما ‹ۋال سىترىت ژۇرنىلى› نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە بۇنداق ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىشى ئەمەلىيەتنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىككە تونۇلۇشى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا مەن بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن بولدۇم،» دېدى.

مەزكۇر خەۋەر ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، «ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان سەپىرى جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلى تاكى ئارايۇلتۇزدىن تارتىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى سەپىرى بويىچە ئون نەچچە قېتىملاپ ساقچىلار تەرىپىدىن توختىتىلغان، يۈزى ۋە كىملىكى تەكشۈرۈلگەن، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىش سەۋەبى سورالغان. ھەتتا پىچانغا كەلگەندە بىر توپ ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان. ساقچىلار مۇخبىرلارغا بۇنىڭ سەۋەبىنى «سىلەرنىڭ ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسىنىڭ باشقا ئۆلكىگە ئائىت ئىكەن. شۇڭا كامېرا بىزگە سىگنال بەردى» دېگەن. مۇخبىرلار بېيجىڭغا قايتىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىققاندىمۇ ئايروپىلاندىكى كۈتكۈچى خادىم ئۇلارنى ئادەتتە ئۇلارنى ساقچىلار ئىشلىتىدىغان كامېرا بىلەن سۈرەتكە ئالغان. مۇخبىرلارنىڭ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا ئۇ بۇنىڭ ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن داۋاملىق شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى دەررىن بايلېر «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» غا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى پەلەستىنلىكلەرگە سېلىشتۇرۇپ «ئۇيغۇر ئېلىنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە، ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنى ئاشۇنداق ئاختۇرۇپ تەكشۈرىدىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن گازا رايونىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئوخشاپ قالىدۇ دېيىش مۇمكىن،» دېگەن.

ماقالىدە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «ئۆتكەن يىلى شى جىنپىڭ تىبەتنى باشقۇرغان چېن چۈەنگونى يۆتكەپ كەلگەن. . . . چېن كەلگەندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ساقچى سانى ئاسمان پەلەكتەك ئۆرلىگەنلىكى مەلۇم. يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئۈچ ھەجىملىك يۈز رەسىمىنى چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كامېرالار ۋە د ن ئا ئۇچۇرى، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى زاكاز قىلغان ئىكەن. خىتايدىكى سانائەت بىخەتەرلىكى ۋاسىتىچىلىك ھەققى شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىستاتېسكىغا قارىغاندا 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك ساھەسىگە سالغان مەبلىغى 2015-يىلىدىكى 27 مىليون دوللاردىن بىراقلا بىر مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەن».

مۇخبىر يەنە، خىتايدىكى «مېييا پىكو» دەيدىغان بىر تېخنىكا شىركىتىدىن سۆز ئاچقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە بۇ شىركەت ئىلگىرى ئۈرۈمچى، ساقچى تارماقلىرىغا قول تېلېفونلاردىكى مەزمۇنلارنى سۈزۈپ تەكشۈرىدىغان ئەسۋاب ساتقان ئىكەن. ئۇ شىركەتنىڭ جاڭ شۆفېڭ ئىسىملىك خادىمى مۇخبىرغا بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ قول تېلېفون ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ 90 پىرسەنتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغانلىقى ساقچى ئىزدەۋاتقان تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى نەرسىلەرنى ئاساسلىق ئاۋاز ۋە ۋىدىيولارنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ماقالىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دەرۋازىسىغا يېقىن جايدا ساقچى بىر ئۈستەل قويۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەردىن بەزىلىرىنى تېلېفونىنى بېرىشكە بۇيرۇيدىكەن. بىر ساقچى ماڭا يۇقىرىدىكى شىركەتنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىغان بىر ئەسۋابنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ‹بۇنى تېلېفونغا شۇنداقلا ئۇلىساڭ ئۇ ساڭا تېلېفوندىكى ھەممە نەرسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ› دېدى. ئەمما مەن ئۇنىڭدىن قانداق مەزمۇنلارنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى سورىسام ئۇ مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. . . . كورلادىكى بىر خىتاي دۇكاندار ماڭا بۇنداق تەكشۈرۈشلەر بىخەتەرلىك ئۈچۈن لازىم ئەمما بۇ سودا ئۈچۈن پەقەت ياخشى بولمىدى. تالاغا چىقساقلا ئۇلار كىملىك تەكشۈرىدۇ، دېدى.»

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» مۇخبىرلىرى قەشقەرگە بارغاندا قەشقەردىكى خىتاي دائىرىلىرى «قايتا ئۆزگەرتىپ تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان مەركەزلەردىن بىرىنىڭ كۆرۈنۈشىنى تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشىمۇ ۋال سترېت ژۇرنىلى تور بېتىگە قويۇلغان. بۇ جاينىڭ ئەتراپلىرى تىكەنلىك سىم بىلەن ئورالغان شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئىككى كۆزىتىش مۇنارى بار بولۇپ مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىكلەر بۇ يەرنى «قاماقخانا» دەپ ئاتايدىكەن ئەمما مۇخبىرلار دەرۋازىغا يېقىنلاشقاندا دەرۋازا ئالدىدىكى كىشى ئۇلارغا بۇ يەر دېگەن مەكتەپ دېگەن ۋە ئۇلارغا بۇ يەردىن كېتىڭلار، دېگەن. قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. مۇخبىرلار يەنە ئاقسۇدا بىر پىچاق ساتىدىغان خىتاينىمۇ زىيارەت قىلغان. جىياڭ چيەنكۈن ئىسىملىك بۇ دۇكاندار مۇخبىرغا بۇ يەردە پىچاق سېتىۋالغاندا پىچاق ئۈستىگە كىملىك مەلۇماتلىرىنىڭ ئويۇلىدىغانلىقى ئېيتىپ بەرگەن ۋە ئۆزىنىڭ پىچاققا كىملىك مەلۇماتى ئويىدىغان ئۈسكۈنىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجافىسكى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» دىكى بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت سىستېمىسىغا دىققەت قوزغاش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەر ئۇيغۇر ئېلىدا تەقىب دۆلىتى سىستېمىسىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئورنىتىلىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. مەنچە بۇ بىزنى ئويغىتىشى كېرەك. ئىلگىرى ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› مۇ بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى، مەسىلەن، پىچاقلارغا كىملىك كودى ئويۇش، كىشىلەر تولدۇرىدىغان جەدۋەل ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىغان ئۈسكۈنە ئورنىتىش قاتارلىقلارنى خەۋەر قىلغان. كېيىن يېقىندا ئامېرىكىدىكى ‹بازفىد› ۋە ‹بىرلەشمە ئاگېنتلىق› مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ يۇقىرىدىكى نازارەت سىستېمىلىرىنى خەۋەر قىلدى. مانا بۇلار ھەممىسى بىزنى جىددىي ئويلاندۇرۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق چېكىدىن ئاشقان نازارەت سىستېمىلىرىنى ئۇيغۇر رايونى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئاۋۋال سىناق قىلماقتا. بۇ مەسىلە جىددىي قوزغىشى كېرەك. بۇنداق ئېغىر تەقىبنىڭ ئەسلى مەقسىتى زادى نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ سوئال سورىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىلىشى كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.