يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن خاتا سىياسىتى نەتىجىسىدە خىتايدىكى ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر ئارا زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا زور رىقابەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ زور ئېتنىك سۈركىلىشلەرگە مەيدان ھازىرلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. تۆۋەندە بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 31 - يانۋار پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا چاقىرىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ۋاشىنگتوندىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىر ئارىغا جەم بولۇپ، خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى يۈزلىنىۋاتقان ئېتنىك مەسىلە، بولۇپمۇ خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇلغا ئوخشاش مىللەتلەر دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بۇ رايونلاردىكى ئېتنىك سۈركىلىشلەر ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە مۇلاھىزىلەرنى قىلدى. يىغىندا ئاساسلىق خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېتنىك توقۇنۇشلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئېتنىك زىددىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇئاۋىن باشلىقى باچۇڭ سېرىڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى باشلىقى ئېنگېباتۇ توگوچوگ قاتارلىقلار سۆز قىلغان. 3 مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ مۇتەخەسسىسىلەر بىردەك خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئىشلەتكەن ۋاستىسىنىڭ مەسىلىنى يېنىكلەتمەي، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يىغىندا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن ۋاستىلەر تېخىمۇ زور ئېتنىك سۈركىلىشلەرگە يول ئېچىۋاتىدۇ، يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتا ئېغىر رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق دېگەن. ئالىم سېىتوف ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى شەرھىلەپ، بۇنىڭغا خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە كۈشكۈرتۈشى بىلەن 6 - ،7 - ئىيۇل كۈنلىرى مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدە ئىككى مىللەت ئارىسىدا تولدۇرغىلى بولمايدىغان چوڭقۇر بىر ھاڭنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، ئىلگىرى خىتايغا سادىق خىزمەت ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىمۇ زور بىر بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بارلىق ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى بۇچۇڭ سېرىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگىمۇ قورالنىڭ كۈچىگە تايىنىپ جىمىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە «خىتاينىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنى قورال كۈچى ئارقىلىق، پۇقرالارغا تەھدىت سېلىش ۋە قامال قىلشتەك ۋاستىلەر ئارقىلىق جىمىقتۇرماقچى بولۇشى، تىبەت خەلقىنى چىدىغۇسىز ھالغا ئەكەپ قويدى» دېدى.
بۇچۇڭ سېرىڭ ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىگە قارىماستىن، ھازىرغىچە سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى قاتتىق ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش دېدى.
موڭغۇل پائالىيەتچى ئىنگىباتۇ توگوچۇگ ئىچكى موڭغۇلدىمۇ ئوخشاش ۋەزىيەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، موڭغۇل ئاكتىپلارنىڭ «بۆلگۈنچى» «ئىشپىيون» دېگەندەك قارىلاشلار بىلەن قاماققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سيىتوف خىتايدىكى ئېتنىك مەسىلىنىڭ ھازىر خۇددى ھەر ۋاقىت پارتلاش ئالدىدا تۇرغان قەرەللىك بومبىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «مەن ئەگەر شى جىنىپڭ ھۆكۈمىتى دەرھال بۇ خىل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە، كېلەچەكتە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى. ئۇ خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمدا كەڭ كۆلەملىك ۋە تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00