ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى 2017 ‏-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى 2000‏-يىلى خىتاي-ئامېرىكا سودا ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى بىر ئورگان. بۇ ئورگان ھەر يىلى بىر قېتىم يىللىق دوكلات ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ 2017 ‏-يىللىق دوكلاتى 15 ‏-نويابىر چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. بۇ ئورگاننىڭ يىللىق دوكلاتىنىڭ ئاساسىي خىزمەت نىشانىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ دوكلاتنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا يەر ئالغان تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە قاراپ باقايلى. ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «خىتاينىڭ رەھبەرلىرى كېيىنكى بەش يىللىق پىلانىدا نېمىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ؟ ئۇلار بۇ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدۇ؟ خىتاينىڭ پىلانلىرى ئامېرىكا ئۈچۈن ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە گىو-پولىتىكا جەھەتتىن نېمىلەرنى ئىپادە قىلىدۇ؟ خىتاينى ئۆتكەن ئون يىلدىن بېرى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئورگان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە ئېقىمنى كۆزەتتۇق. بىز بۇ ئېقىملارنى بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ، دەپ قارايمىز.»

657 بەتتىن تەركىب تاپقان دوكلات تۆۋەندىكى باپلار بويىچە يېزىپ چىقىلغان: ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتلەر، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سالغان مەبلىغى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئىستېمالچىلار بازىرىدىكى ئەھۋالى، خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى ئىشلار، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى، خىتاينىڭ دېڭىز يولىدىكى پائالىيەتلىرى، خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، خىتاي ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا، خىتاي ۋە تەيۋەن، خىتاي ۋە خوڭكوڭ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچۇر قامالى ۋە خەلقئارا ئاخباراتتىكى تەسىرى، خىتاينىڭ يۇقىرى ئۇچۇر تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي قوراللار ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي شېرىك بولغانلىقتىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئامېرىكا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىدۇر. شۇڭا پۇل قىممىتىنىڭ سۈنئىي كونترول قىلىنىشى، ئامېرىكا شېركەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى، خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتى شېركەتلىرىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق ھەقسىز رىقابەت يارىتىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەر ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارەتتە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن. بۇ نۆۋەتلىك دوكلاتتىمۇ بۇ مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلار سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن سودىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئەكسىچە، تىجارەتنى باشقۇرۇشنى بارغانسېرى كۈچەيگەن. ئۆز كارخانىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق، ھەقسىز رىقابەت پەيدا قىلغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي بازىرىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلغان ئامېرىكا شېركەتلىرى ئۆزى تېخنىكىلىرىنى تاپشۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز شېركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا چىقارغان بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشتەك بەدەللەرنى تۆلەشكە مەجبۇرلاندى. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ زور قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان يۇقىرى-پەن تېخنىكا ۋە مالىيە مۇلازىمەت سىستېمىلىرى بولسا چەتئەل شېركەتلىرىگە چەكلەنگەن. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي شېركەتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ئارقىلىق دۇنيا بازىرىدا قىممەتلىك مۈلۈكلەرنى سېتىۋېلىش، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ماشىنا ئادەم ۋە سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق سانائەت ساھەلىرىنى سېتىۋېلىش ئىمكانىغا ئېرىشمەكتە. چەتئەل شېركەتلىرىگە خىتايدا بۇنداق ئىمكانلار يوق.»

خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرى بىلەن بىرلىكتە سىياسىي تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولۇپ، بۇ قېتىملىق دوكلاتتا ئىلگىرىكىلەردىن پەرقلىق ھالدا تىلغا ئېلىنغان بىر تېما بولسا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» ئىستراتېگىيىسى بولۇپ، ئۇ «شى جىنپىڭ خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان بىر ئىستراتېگىيىسى» دەپ كۆرسىتىلگەن ھەم تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «شى جىنپىڭ خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى زورايتىش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان خىتاي رەھبىرى. ئۇنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىز ھەم شۇنداقلا ياۋروپا-ئافرىقىدىكى كونترولىنى ئاشۇرۇش. خىتاينىڭ بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھىيلىسى ياكى ‹ناز-كەرەشمىلىك ھۇجۇمى› بولسا مانا بۇ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى› دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ قۇرۇلۇش 60 تىن ئارتۇق دۆلەتنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئوربىتىغا ئەكىرىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ قۇرۇلۇش رامكىسى ئىچىدە ھازىر داۋام قىلىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان ئىش پىلانلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ 900 مىليارد دوللارغا يېتىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. قارىماققا، بۇ پىلان خۇددى ياۋرو-ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ نېرىسىغا ئاساسىي قۇرۇلۇش، قاتناش-ترانسپورت قۇلايلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كېلىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئېغىزغا ئېلىنمىغان بىر قانچە ئىستراتېگىيىلىك نىشانى بار. ئۇلار بولسا، خىتاي ئۈچۈن دۇنيادا مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك كىرىش ئېغىزلىرىنى يارىتىش، بولۇپمۇ پورت قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق بۇ كىرىش ئېغىزلىرىنى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ كۆپ نېفىت تۇرۇبا يوللىرى تورى ۋە ئېنېرگىيە ئىش قۇرۇلۇشلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دىنى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ ئىچكى ۋە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، باشقا دۆلەتلەر ئۈستىدىكى تەسىر كۈچى ۋە بېسىمىنى ئاشۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىگە رىقابەت پەيدا قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.»

ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پانوما ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى» گە تېخى ئېنىق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرمەي كەلگەنلىكىنى ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

درۇ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە شىمالىي كورېيە مەسىلىسى قاتارلىق باشقا مەسىلىلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان بولغاچقا بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسىگە تېخى ئېنىق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەردىن گۇمان قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ قۇرۇلۇش رامكىسىدىكى خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە سىياسەتلىرىگە يانتاياق بولۇشى، بۇ قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ قانداق كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشىدىغانلىقىغا بولغان گۇمانلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدىكى سەۋەب دەپ قارايمەن. ئەمما مەن ئامېرىكىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشتىن ئۇزاق تۇرۇۋېلىشىنى بىر چارە دەپ قارىمايمەن. مەنچە ئامېرىكا بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسىنى يېقىندىن كۆزىتىشى، ئۇنىڭغا ئارىلىشىشى ۋە قانداق قىلغاندا بۇ قۇرۇلۇشنى ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلىشى كېرەك».

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخباراتقا تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن ئۆز ئىچىدىكى ئاخبارات-ئۇچۇرلارنى، ئىنتېرنېتنى، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنى تارىختىكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكىدىن بەك قاتتىق كونترول قىلغاننىڭ ئەكسىچە، خەلقئارا ئاخباراتلاردا خىتاينىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خىتاينى ئىجابىي كۆرسىتىدىغان قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان.

ھەربىي جەھەتتە بولسا خىتاي ئۈزلۈكسىز ھالدا ھەربىي راسخوتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي قوراللارغا مەبلەغ سالغان. بۇندىن سىرت، خىتاي خەلقئارالاشقان ھەربىي قوشۇنغا ئىگە بولۇش يولىدا تۇنجى زور قەدىمىنى ئاتقان ۋە بۇ يىل جىبۇدىدا تۇنجى خەلقئارا ھەربىي بازىسىنى قۇرغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى گۋادار پورتىنى ئېچىشتىكى ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ ئۇ يەرنى بىر ھەربىي بازىغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر رىقابەت، دېدى.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسىدىكى پوزىتسىيىسى، ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ رايوندىكى شېرىكلىرىگە قارشى ھەرىكەتلىرى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىقلار ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا بىۋاسىتە سۈركىلىش چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن بولغان باش ئامىللار قاتارىدا كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھازىرغىچە رايوندىكى مەسىلىلىرىدە ئامال بار ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ، ئەڭ ئاز چىقىم بىلەن داۋادا غەلىبە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتايدا ھازىرقىدەك مىللەتچىلىك ئىدىيىسى قاتتىق كۈچلەنگەن بىر شارائىتتا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تۇيۇقسىز ھەرۋاقىتتىكىدىن «قاتتىقراق» ئىنكاس قايتۇرۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولغاچقا ئامېرىكا بۇنداق بىر ئېھتىماللىققا ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. مەزكۇر كومىتېت خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە مەجبۇرلاش، زورلاش خاراكتېرلىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشىغا قارشى، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم رايوندىكى شېرىكلىرىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

درۇ گلەدنېي ئەپەندىمۇ پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا-تېنچ ئوكيانسىز ئامېرىكىنىڭ گۈللىنەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «پرېزىدېنت ترامپ گەرچە سايلامدا خەلققە ئۆزىنىڭ «پەقەتلا ئامېرىكا» دەيدىغان سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ، دۇنيا بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ سايلامدا ئۇتۇپ ئاق سارايغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ ھۆكۈمەت ئامېرىكا ئەگەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئاسىيا-تېنچ ئوكياندا كۈچلۈك بىر شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ. بۇ كۆز قاراشنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا چىققانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. مەنچە بۇ خىتاينىڭ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىكىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقان ھىندىستان ۋە شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئازراق بولسىمۇ پەسەيتتى» دېدى.

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان تەكلىپىدە خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي تەرەققىياتى ۋە شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىك پوزىتسىيىسىگە قارشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ چوقۇم ھەر يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە كېرەكلىك مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرتىپنى ساقلىشى ۋە ئۇ جايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دېگەن. بۇندىن باشقا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ھىندى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەجبۇرلاش، زورلاش تۈسىنى ئالغان ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ، دىپلوماتىك، ئۇچۇر، ھەربىي، ئىقتىسادىي، مالىيە، ئىستىخبارات ۋە قانۇنىي قاناللارنى ئىشقا سېلىشى كېرەك. مەزكۇر كومىتېت يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى، يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللىق، بىئوخىمىيە، ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى قاتارلىقلاردىن ھەرۋاقىت ئۈستۈن تۇرىدىغان ھالەتنى ساقلاپ قېلىشى كېرەكلىكى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك راسخوت ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا بولۇپمۇ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق خوڭكوڭنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ مەيدانىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.