ئامېرىكا ئېلان قىلغان «تېررورلۇققا ئائىت يىللىق دوكلات»تا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.06.23
amerika-xitay-dokilat-305.png ئاقساراي ئاخبارات كومىتىتىنىڭ باشلىقى مايك روجىرز ئەپەندى خىتاي تەھتىدى توغرىسىدا بايانات قىلماقتا
AFP


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى يېقىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تېررورلۇققا ئائىت يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، ھەربىر دۆلەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تېررورلۇق مەسىلىسى، ئۇنىڭ مالىيە مەنبەسى ۋە ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەر ئۈستىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كەڭ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇن ۋەقەلەرنى خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىدەك تېررورلۇق دەپ ئاتاش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىسپات يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن. تۆۋەندە سىلەر بۇ دوكلاتتىكى تەپسىلى مەزمۇنلارنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلايسىلەر.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىئىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان تېررورلۇققا ئائىت دوكلات جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىلەن رەسمىي ئېلان قىلىندى. دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ۋەكىلى تىنا خانىم يىغىندا بۇ يىللىق دوكلاتتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ سانى 2013 - يىلىغا قارىغاندا 35 پىرسەنت ئاشقان، كېلىپ چىققان ئۆلۈم سانى 81 پىرسەنت ئۆرلىگەن. بۇ رەقەمنىڭ كۆپى ئىراق، ئافغانىستان ۋە نېگىرىيىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق ئىكەن. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بەرگەن 5 دۆلەت بولسا ئىراق، پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان ۋە نېگىرىيىدىن ئىبارەت.

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ھەققىدە يېتەرلىك ۋە ئوچۇق مەلۇمات بولمىغانلىقتىن بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى تېررورلۇق دەپ بېكىتىش قېيىن، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئىنتايىن يېتەرسىز بولغانلىقتىن بۇ ھەرىكەتلەرگە ئائىت تەپسىلاتلارنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەش قىيىن بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى، تېررورلۇق دەپ قارىلىغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ تەسىرى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېت تىكى تەشۋىقاتلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما چەتئەللىك جۇرنالىستلار ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى مۇستەقىل تەكشۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىلگىرى سۈرگىنىنىڭ راست - يالغانلىقىنى دەلىللەپ چىقىشىغا يول قويمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدىكى بىردىن - بىر مەنبەدۇر.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدىن ئورۇن ئالغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قارىلاش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن :

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ كەلدى. ئامېرىكا بۇنداق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى تېررورلۇققا «پەرقلىق مۇئامىلىدە بولۇش» بىلەن ئەيىبلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەدېسىلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ھەتتا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى «تېرور شايكىلىرى» دەپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇقنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق ئۇلار ھازىرغىچە بۇ سۆزلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچىلىك بىر پاكىت كۆرسىتىپ باقمىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 - يىلى ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئىچىدە پەقەتلا ئۈچى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتىلگەن :

بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، 1 - مارت كۈنى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى ھۇجۇمچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 33 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى.

ئىككىنچىسى، 30 - ئاپرىل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 3 كىشى ئۆلگەن ۋەقە.

ئۈچىنچىسى، 22 - ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋە ھۇجۇمچىلار بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 39 كىشى ئۆلگەن ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى 28 - ئىيۇل كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنىمۇ تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆلگەن 59 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار بارلىقى، بۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ شۇ يەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقتىن كېلىپ چىققان ھەرىكەتلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلار بارلىقىنى, شۇڭا بۇ ھەرىكەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك تېررورلۇق دەپ بېكىتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدا يەنە، 1 - مارت كۈنمىڭدىكى ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈزلىگەن كىشىنى قولغا ئېلىپ، سوتقا تارتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلغانلىقتىن بۇ زەربە بېرىش، قولغا ئېلىش ۋە بۇ سوت ھۆكۈملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىياسىي شەخسلەر ياكى يەرلىكتىكى نارازىلىقلارنى ئىپادىلىگەن كىشىلەرنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىۋاتقانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى بېكىتىش قېيىن بولماقتا» دەپ بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقى ئۈستىدىمۇ توختالغان. ئۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر قەدەمدە تەكىتلىسىمۇ ئەمما ئامېرىكا بىلەن بۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش ۋە ئورتاق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. ھەتتا ئامېرىكا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە ۋەقەگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئامېرىكىغا بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئۇچۇرلار ئىنتايىن ئاز بولغان. شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقى ئىنتايىن چەكلىك بولغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇشقا ئوخشاش تۈرلۈك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، ئىماملارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىدىن ئۆتكۈزۈدىغانلىقى، ياغلىق چېگىش، ساقال قويۇش ۋە ياكى ئىسلامىي يوسۇندا كىيىنىشنى، دىنى ماتېرىياللارنى كۆرۈشنى دىنى رادىكاللىقنىڭ ئالامىتى دەپ قاراپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن سىياسەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، دىنى رادىكاللىقنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە يول ئېچىپ بەرمەكتە» دەپ باھالىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.