مەتبۇئاتلارنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى


ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى 23 - ئاپرېل كەچتە رەسمىي باشلاندى. ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە ياپونىيە ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى بايان قىلماقتا. بەزى كۆزەتچىلەر، ئامېرىكا ھەر قانداق شارائىتتا سېنكاكۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن.

ياپونىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى»نىڭ 21 - ئاپرېلدىكى«ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھالقىلىق پەيتە بولدى» سەرلەۋھەلىك ئاياكو قاتارلىقلار بىرلىكتە ئېلان قىلغان باش ماقالىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇداپىئە، سودا قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان ۋە شۇنداقلا چىگىش بولغان بەزى مەسىلىلەرنىڭ يىشىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئىككى رەھبەرنىڭ پەيشەنبە كۈنى توكيودا ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىگە دۇنيانىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ مەقسىتى ھەربىي جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈپ خىتايغا كۆز - كۆز قىلىش بولسا، باراك ئوبامانىڭ مەقسىتى سۈرىيە، ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ تەنقىدى مەيدانىنى ئىپادىلەپ بۇ مەسىلىلەردە ياپونىيە بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ياپونىيەلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى فۇمىئاكى كۇبونىڭ پەرىزىچە بولسا، باراك ئوباما سۈرىيە، قىرىم مەسىلىلىرىدە يەنىلا قىزىل سىزىقتىن ئاتلاپ ئۆتەلمەيدىكەن شۇنداقلا بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە «ئامېرىكا بۇ مەسىلىلەردە رۇسىيە بىلەن دوغا چۈشۈپ قالدى» دەپ قارىلىدىكەن.

ياپونىيەلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچى كۇبونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى ۋاقىتتا بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز، شەرقىي دېڭىز ئەتراپىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان رايون مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكىنىڭ تازا كۈچەپ كەتمىگەنلىكىگە ھەيران بولغان، ياپونىيە بولسا سېنكاكۇ ئارىلىدا خىتاي بىلەن ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى قولغا كەتۈرۈش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىنى ئاساسلىق سۆھبەت تىمىسى قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا - ياپون مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالغان تەتقىقاتچى كۇبو:«ياپونلار سېنكاكۇ، خىتايلار دىياۋيۈ، تەيۋەنلىكلەر بولسا تياۋيۈ دەپ ئاتاپ ئۈچ تەرەپ تالىشىۋاتقان ئارال ماجىراسى سۆھبىتىدە بۇ قېتىم، ئوباما ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە بوشاپ كەتكەن مەيدانىنى قايتا چىڭىتىشى بەلكىم ئامېرىكا - ياپون مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن» دېگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، كۆپلىگەن ياپونلار سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا يان بېسىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا بۇ كىچىككىنە ئارالدا ئۇرۇش پەيدا قىلىشنى خالىمايدۇ. سەۋەبى ئامېرىكا بەزى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە بۇ خىلدىكى ماجىرالارنى ئۆزىگە پايدىسىز دەپ قارايدۇ دەپ ئويلايدىكەن.

ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىغا يېقىنلىش سىياسىتىگە ئۆزگىچە قاراشتا بولغان ياپونىيە كېيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتى تەتقىقاتچىسى پروفېسسور توشىھىرونىنىڭ قارىشىمۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى كۈنىدىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىقكەن.

ماقالىدە :«توكيو، ۋاشىنگىتوننىڭ تەكلىپى بىلەن ت ت پ سودا ھەمكارلىقىغا ئەزا بولۇپ كىرىش توغرىسىدا ئۆز - ئارا سۆھبەتلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن، ياپونىيەگە كالا گۆشى، گۈرۈچ ئېكسپورت قىلىشتەك سودا تۈرلىرىدە بىرلىك ھاسىل قىلالمىدى» دېيىلگەن.

«ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەر جەھەتتە ھەمكارلىشىشىنى، ئىلگىركى يىللاردىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى كويزۇمى زامانىسىغا سېلىشتۇرۇپ، ئىككى رەھبەر زامانىسىدا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى، سودا ۋە باشقا تەرەپلەردە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ياپونىيەدىكى كۆپ تىراژلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتى»نىڭ 23 - ئاپرېلدىكى سانىدا «ئوباما: سېنكاكۇ ئاراللىرى ئامېرىكا - ياپونىيە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ دائىرىسىدە» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئاپتور ئاتسۇكو ماتسۇموتو ماقالىسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ئىچىدە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا <«ئوكىناۋا ئۆلكىسىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرى ئامېرىكا - ياپونىيە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ 5 - ماددىسىدا دېيىلگەن دائىرە ئىچىدە» دەپ يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتىگە يازما شەكىلدە جاۋاب يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ 5 - ماددىسىدا سېنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغانلىقتىن، ئامېرىكا ھەر قانداق شارائىتتا سېنكاكۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ دەپ چۈشىنىشكە بولىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي - ياپون مەسىلىلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى مائېدا خانىم ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ياپونىيىگە قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى. ئوبامانىڭ باش ۋەزىر شىنزو ئابې بىلەن كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىپ، سېنكاكۇئا ئارىلى قاتارلىق ئارال مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ياپونىيەدە ئېنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «جاپان تايمېس گېزىتى» نىڭ 23 - ئاپرېلدىكى سانىدا «ئابې ياسۇكۇنىغا سەكرىدى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ شىنتو دىنىنىڭ قائىدە - ئەھكاملىرى بويىچە باھار پەسىللىك دىنىي مۇراسىمى باھانىسى بىلەن ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازىرىغا «ماساكاكى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەرۋاھلارغا ئاتاپ بىزىلىپ ئىبادەتخانىغا سوۋغا قىلىنىدىغان دەرەخ شېخىنى تەقدىم قىلغانلىقى، ياسۇكۇنى مازارلىقى بولسا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت سۆھبىتىگە تەسىر يېتىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلىتى كۇۋەيتتىن چىقىدىغان «كۇۋەيت خەۋەلەر ئاگېنتلىقى» نىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋىرىدە «ئوبامانىڭ ئاسىيادا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ياپونىيەدىن باشلىشى، ياپونىيە بىلەن قوشنا بولغان ئەللەرگە ئامېرىكا - ياپونىيە دوستلۇقىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىدىن بىشارەت بېرىدۇ»دېيىلگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.