ئامېرىكىدا تومۇز ئىسسىق بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3-نۆۋەتلىك پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش دوستلۇق مۇسابىقىسى بۈگۈن ئەتىگەن بوستون شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى.
مۇسابىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقىگە ۋىرگىنىيەدىكى ئۇيغۇر بىرلىك كوماندىسى، تەكلىماكان كوماندىسى، كالىفورنىيە ئۇيغۇر كوماندىسى، بوستون-نيويورك بىرلەشمە كوماندىسى ۋە كانادا ئۇيغۇر كوماندىسى قاتارلىق 5 كوماندا ئۆز-ئارا مۇسابىقىلىشىدىكەن ۋە چېمپىيونلۇقنى تالىشىدىكەن.
مۇسابىقە مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتون-ۋىرگىنىيە تەكلىماكان ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەييارلىق نەتىجىسىدە تەشكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ۋىرگىنىيەدىن بوستونغىچە بولغان سەپەر جەريانىدا يول-يوللارغا يىغىلغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پۇتبول كوماندىلىرىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ كۈتۈۋالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن يۇقىرى كەيپىياتتا ۋە دوستانە مۇھىتتا باشلانغانلىقى مەلۇم.
تەكلىماكان ئۇيغۇر كوماندىسى تەركىبىدە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان مۇھەممەتئەلى ئەپەندى بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ بىر پۇتبول ھەرىكىتىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقى شۇنداقلا مىللىي روھىنى ئىپادە قىلىدىغان سەھنە بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ۋىرگىنىيە تەكلىماكان ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇغېنى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئامېرىكىنىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى بىر جايغا توپلىدى. مۇسابىقىگە ھەتتا قوشنا دۆلەت كانادادىكى ئۇيغۇر كوماندىسىمۇ قاتناشتى. بۇ پەقەت بىر قېتىملىق ئادەتتىكى پۇتبول مۇسابىقىسىلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئىنتىزامچانلىق روھىنى سىنايدىغان بىر ئاممىۋى پائالىيەت بولدى.»
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانا كوماندىسى، يەنى بوستون-نيۇيورك ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ تېرنېرى ئۇچقۇن غاپپار ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بوستوندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن خالىسانە ئىئانە ۋە قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنىڭ ھەممىسىنى قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئامېرىكا ئۇيغۇر پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، «بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇمى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر باسقۇچقا كىرگەن بىر مەزگىلدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيۇشۇپ مۇنداق بىر پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى، مىللىي روھىنى ۋە مىللىي جاسارىتىنى نامايان قىلىدىغان بىر ھەرىكەت،» دېدى.