جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.05.25
Uyghurlarning-Kimlik-Kirzisi-2018.jpg جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەققىدىكى يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 25-ماي. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
RFA/Eziz

25-ماي كۈنى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ئاكادېميەسى، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا نۇقتىلىق قىلىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كىرىزىسى ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ قېتىمقى يىغىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دائىملىق كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» غا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىن باشلاندى. 

شۇنىڭدىن كېيىن چۈشتىن بۇرۇنقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى سۇپىتىدە، ئامېرىكىدىكى تىببىي پەنلەر ئالىملىرىدىن رىشات ئابباس ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش سەۋەبىدىن ئېغىر زۇلمەتكە دۇچار بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرگە مەھكۇم بولۇپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ: «بۈگۈنكى يىغىندا مۇتەخەسىسلىرىمىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇدھىش ھۆكۈمرانلىقىدا قانداق ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. 

بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسىسلەردىن درېكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېبىكە كلوزىي ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى شەھەر مۇھىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئورۇن تۇتىۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بىر زور مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۈرۈمچى، سانجى، چۆچەك قاتارلىق خىتاي نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شەھەرلەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان شەھەرلەرنىڭكىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ نۆۋەتتە مائارىپ سىياسىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان جىددىي ئۆزگىرىشلەر ھەمدە دىنىي ھوقۇقلار بىلەن ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ تىركىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن زور بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئارىلىقتا يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق خادىمى، «ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى» دەپ تونۇلغان خانس ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئامېرىكىدا، بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىلىنىشىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەچ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆپ ئەجىر قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قولىدىن كېلىشىچە ئۇيغۇر داۋاسىغا يار-يۆلەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

شۇنىڭدىن كېيىن يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۇلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بارلىق ھەقلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئىمزا قويغان بارلىق خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك ئامېرىكىدا ماقۇللاشتىن ئۆتكەن «ماگنىتىسكى قانۇنى» ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن برايىن ماۋر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرېن خانسېن سۆز ئېلىپ نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ «مەدەنىيەت ئۇرۇشى» شەكلىنى ئالغانلىقىنى بايان قىلدى. كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەمەت ئېمىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق قوللۇق ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا قانداق سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تىببىي نۇقتىدىن شەرھلىدى. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى 800 دىن كۆپرەك ئۇيغۇردىن توپلىغان راي سىناش ماتېرىياللىرى ئارقىلىق نۆۋەتتە بۇ ئۇيغۇرلاردىن 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىۋاستە ياكى بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۈگۈنكى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما خىزمەت سەۋەبىدىن يىغىن نەق مەيدانىغا كېلەلمىگەن يەنە بىر كىشى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان گروۋېر جوسېف رېس ئىدى. رېس ئەپەندى ئىلگىرى ئا ق ش نىڭ شەرقى تىموردىكى باش ئەلچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ يىغىنغا تور تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر داۋاسىغا كۈچ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر، رىشات ئابباس، روشەن ئابباس، ئۆمەر قانات قاتارلىق شەخسلەرنىڭ، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دىشۋارچىلىقلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
بۈگۈنكى يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى قىسمىدا «دۇنيا خرىستىئانلار ئىتتىپاقى» نىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خادىمى لۇيىزا گرېۋ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى نىكول مورگېرت قاتارلىقلارمۇ ئوخشاش بولمىغان تېمىدا دوكلات بېرىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش، ئانا تىل كونتروللۇقى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ خاراب بولۇشى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە دوكلات بەردى.

يىغىن ئارىلىقىدا بۈگۈنكى يىغىننى تەشكىللىگەن ئورۇنلاردىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى غايەت زور كىرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا بۈگۈنكى يىغىننى ئېچىشنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەنمۇ بۇ ھەقتە ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ پۇقراۋى تەشكىلات بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئېچىشقا پائال ئىشتىراك قىلغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. 

بۈگۈنكى يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.