2005-يىلىدىن بۇيان ب د ت ھەر يىلىنىڭ 27-يانۋار كۈنىنى «خەلقئارا قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى مۇشۇ كۈندە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنىڭ پاجىئەسى ئەسلەپ كېلىنمەكتە. بۇ يىلمۇ مۇشۇ خاتىرە كۈننىڭ ئەتىسى، يەنى 28-يانۋار كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق مەكتىپىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلاپ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى زور ساندا لاگېرغا قامىشى ھەمدە زىيانكەشلىك قىلىشى: بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش لازىم؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرىي تۈركەل، «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ئېمىلىي راۋخالا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى، بۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە بۇنىڭغا دۇنيانىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل يىغىندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش تەكلىپىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ قانداق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا نۇرى تۈركەل ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
نۇرى تۈركەل بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلارغا نۇقتىلىق قىلىپ چۈشەندۈرگەن يەنە بىر مەسىلە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنى «ئىنسانلارغا قارىتىلغان ئىجتىمائىي ئىنژېنېرلىق» دېگەن ئاممىباب ئۇقۇم بىلەن چۈشەندۈرۈش بولغان.
بىز ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرەر مەركەزدە ئەمەس، بەلكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سورىدۇق. نۇرىي تۈركەل يېل ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش غەرب دۇنياسىدىكى بەكمۇ نوپۇزلۇق بولغان بىر ئىلىم مەركىزىدە مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھازىرنى ۋە كەلگۈسىنى ئويلاشقاندا بەكمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
سۆھبەت جەريانىدا نۇرىي تۈركەلدىن «سىزنىڭچە ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە راستىنىلا قىزىققاندەكمۇ ياكى شەكىلگە ئاڭلاپ قويغاندەكمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ يىغىن مەيدانىدىكى كەيپىياتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە پەۋقۇلئاددە دەرىجىدە قىزىققانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نۇرىي تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى بولغان.
يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۆپ قېتىم ئاڭلىتىلغانلىقى مەلۇم. بىز نۇرىي تۈركەلدىن ئالىي مەكتەپلەردە مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ قانداق رېئال ئەھمىيىتى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بىر مۇھىم ھالقىسىغا ئايلاندۇرۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى ئىلمىي مۇنبەرلەردە داۋاملىق ئاڭلىتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00