ئانا-بالا مۇھاجىر دوختۇر: «خەير-ساخاۋەتچى ئىزدەۋېتىپ خەير ساخاۋەتچىگە ئايلىنىپ قالدۇق»

0:00 / 0:00

سومالىدا 3 ئاي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن مەشغۇل بولغان ئۇيغۇر ئانا-بالا دوختۇر بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، ئۆزلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەتكە ئېھتىياجلىق تۇرۇقلۇق قانداقلارچە خەير-ساخاۋەتچى بولۇپ قالغانلىقى ۋە سومالىدىكى 3 ئايلىق ھاياتىدا ئاي يۇلتۇز كۆكبايراق يەنى شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى نېمە ئۈچۈن قولىدىن چۈشۈرمىگەنلىكى ھەققىدە پىكىر ۋە تەسىرات بايان قىلدى.

ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سانى ۋە تۈرى قانچە كۈپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ چىققانلىقى ۋە ياردەمگە ئېھتىياجى بارلىقى ئورتاق نۇقتا بولماقتا. شۇڭا بىز سومالىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۈچۈن بارغان ۋە ئۇ يەردە 3 ئاي خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر ئانا-بالا دوختۇردىن، ئۇلارنىڭ سومالىي سەپىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە يەنە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات سورىدۇق.

ئارزۇگۈل خانىم، ئۆزلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەتچى ئىزدەۋېتىپ خەير-ساخاۋەتچىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك بىر رېئاللىقنى يوشۇرمىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئەرزان ئۆي ئىزدەپ ئىزمىرنىڭ قۇشئاداسىغا كەتكەن، ئۇ يەردىكى ۋاقتىدا ئىستانبۇلنىڭ بەيلىكدۈز دېگەن يېرىدە بىكارلىق بىر ئۆي بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئىستانبۇلغا يېنىپ كەلگەن ۋە خەير-ساخاۋەت ئۈچۈن ئايرىلغان مەزكۇر ئۆيدە بىر مەھەل تۇرغان. ئەمما ئىش ئىزدەش، ئىش تېپىش ۋە ئىشلەشتىن ئىبارەت ھاياتنىڭ تېخىمۇ جىددىي ئېھتىياجلىرىغا، بەيلىكدۈزدىكى بۇ بىكارلىق ئۆيدە تۇرۇپ جاۋاب تاپقىلى بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئۆينى ئىگىسىگە ياندۇرۇۋېتىش كويىغا چۈشكەن. ئۆي ئىگىسى ئۆزلىرىنىڭ سومالىدا خەير-ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ۋە خالىسا ئۇلارنىڭمۇ خالىسانە خىزمەت قىلىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرگەن. نەدە تۇرۇش، نەدە ئىشلەش كويىدا باش قاتۇرۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئانا-بالا، بۇ ياشاش ۋە ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتكە چىڭ يېپىشقان.

ئادەتتە ئۇيغۇرلار جامائەت سورۇنلىرىدا ئۆز قىيىنچىلىقى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشنى، بولۇپمۇ تىرىكچىلىك جەھەتتە يامان كۈندە قالغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىشنى خالىمايدۇ؛ ئەمما سۆھبىتىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئانا-بالا دوختۇر ئۇنداق ئەمەس؛ چۈنكى بۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ئىقتىدارىغا يۈزدە-يۈز ئىشىنىدۇ؛ بېشىغا كەلگەن پۈتۈن پالاكەتچىلىكنىڭ سەۋەبىنى، ئادالەتسىزلىك، دۆلەتسىزلىك، ئاسارەت دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار سومالىدا ياشىغان 3 ئاي داۋامىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى بىر كۈنمۇ قولىدىن چۈشۈرمىگەن.

بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇلارنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «بېشىمىزغا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى دۆلەتسىزلىك-بايراقسىزلىق ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىنلا بىلىمىز، ئەمما ئۇ بايراقنى كۆتۈرۈش پۇرسىتى ھاياتىمىزنىڭ ھازىرغىچە قىسمىدا ئاساسەن مۇمكىن بولماي كەلدى، شۇڭا بوشلۇقلارنى تولدۇرايلى دەيدۇ».

يۇقىرىدا، سومالىدا 3 ئاي خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئانا- بالا مۇھاجىر دوختۇرنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى داۋامىدا قولىدىن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ چۈشمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.