تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئانا-بالا تۇغۇت دوختۇرى ۋە سېسترا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ بولالمىغان شەرقىي ئافرىقادىكى ئەڭ تىنچسىز دۆلەت سومالىغا بېرىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك داۋالاش پائالىيىتىگە قاتناشقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئانا-بالا دوختۇر ۋە سېسترا سومالىدا لاگېرلاردا يېتىۋاتقان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ داۋالاشقا موھتاجلىقى، ئەمما رايوننىڭ تىنچسىزلىقى سەۋەبىدىن دوختۇر-سېسترالارنىڭ مەزكۇر لاگېرلارغا يېقىن كەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال سومالىغا قاراپ يولغا چىققان ۋە 3 ئاي بۇ يەردە ھەقسىز داۋالاش ئېلىپ بارغان. تۈركىيەدىكى ئىقامىتى (تۇرۇش رۇخسەت خېتى) نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن بۇ ئانا-بالا دوختۇر-سېسترادىن ئارزىگۈل نۇرمەمەت بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سومالى سەپىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئافرىقا تۇمشۇقىغا جايلاشقان سومالىدا 1991-يىلى باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش 2012-يىلى ئاساسەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، تىنچلىق تېخى تەلتۆكۈس ئەسلىگە كەلمىگەن. بىر قىسىم جايلاردا، بولۇپمۇ سومالىنىڭ ئىلگىرىكى پايتەختى دابوۋادا مىڭلارچە كىشى چېدىر تىكىپ ياشىماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن زۇلۇم-زوراۋانلىقتىن قېچىپ چىققان ۋە تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئۇيغۇر ئانا-بالا دوختۇر-سېسترالار ئەنە شۇ دابوۋا شەھىرىدە 3 ئاي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە داۋالاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. دۆلەت تېررورلۇقى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زۇلمەتلىك بىر رايوندىن جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قېچىپ چىققان بۇ ئانا-بالا دوختۇر-سېسترانىڭ ئۇرۇش ئوتى تەلتۆكۈس ئۆچمىگەن سومالىدەك بىر دۆلەتتە 3 ئاي تۇرۇشى ۋە خىزمەت قىلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر زادى نېمە؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى سۆھبەت خاتىرىسىدىن ئاڭلىغايسىز.