ئاناتولىيەدىكى ئۈچ شەھەردە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


يېقىندىن بۇيان بولۇپ، 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى قانات يايماقتا.

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۈركىيەنىڭ قىرىققالە، سىۋاس ۋە توكات قاتارلىق ئۈچ چوڭ ۋىلايىتىنىڭ مەركەز شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتلەر بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم كوچا ۋە مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلات، سىياسىي پارتىيە ۋە ئامما قاتناشماقتا.

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان سىۋاس ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى سىۋاس شەھىرىدىمۇ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى، تۈركىيە مەزلۇملار تەشكىلاتى قاتارلىق 58 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ نامايىش مەۋلانە كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

www.haberler.com تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نامايىشتا مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى سىۋاس شۆبىسى مەسئۇلى مۇھاممەت ئالىي گەنچ ئەپەندى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا دۆلەتلىرىنى بۇنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى چوڭ پائالىيەت 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۈركىيەنىڭ توكات ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. توكات ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم يىغىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيەت توكات شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەت توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى سىبەل يەتكىن خانىم، بۈگۈن غاززە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم يىغىش پائالىيىتى باشلاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ باياناتىدا تۈرك خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

بۇلاردىن باشقا تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پارتىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەشھۇر زاتلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىمەكتە. تۈرك خەلقى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرماقتا. مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ تۈركىيە بويىچە قانات يېيىشىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە