بۈگۈن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي بۇ دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرۇشىنى تەنقىد قىلغان ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ رايوندىكى ھەرىكەتلىرىنى قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدا خاتىرجەمسىزلىك يارىتىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەب، دەپ كۆرسەتتى.
سەيشەنبە كۈنى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بولغان ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ فۇنكسىيىسى، ۋەزىپىسى، ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن تۇنجى دوكلات ھېسابلىنىدۇ. دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 850 مىڭ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 235 مىڭ، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 398 مىڭ بولۇپ جەمئىي 1 مىليونغا يېقىن ئەسكىرى بار بولۇپ، خىتاينىڭ 2012-يىلىدىكى ھەربىي خىراجىتى ئىلگىرىكى يىللاردىن 11.2 پىرسەنت ئۆرلەپ، 100 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. خىتاي ئارمىيىسى ھازىرغىچە 23 دۆلەت بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مەركىزى قۇرغان.
دوكلاتتا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى دېڭىز تەۋەلىكىدە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە چەتئەللەردە ھوقۇق ۋە مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېما ئاستىدا چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن مەسىلىلەردىن بىرى، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىدۇر. ئۇنىڭدا خىتايغا تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكاللىقتىن كېلىدىغان تەھدىتنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىلچى كۈچلىرىنىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ئارمىيىسى ئاق تاشلىق كىتابتا ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالماي تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنى رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان ئامىل، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاسىيا تېنچ-ئوكيان رايونىدا ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتتى. بەزى دۆلەتلەرنىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقلىرىنى ئاشۇرۇشى رايون ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا.
ئاق تاشلىق كىتاب، خىتاينىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە توختالغاندا «ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى زورايتماقتا. ياپونىيىمۇ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە توختىماي كاشىلا چىقارماقتا» دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرنى مۇشۇنداق تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، خىتاي، قوشنا دۆلەتلەر ۋە رايوندا مەنپەئىتى بولغان ئامېرىكىدەك دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سەۋەب بىلەن نەتىجىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقتىن رايون ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي بىلەن جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ۋيېتنام، تەيۋەن، برۇنىي ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بار. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ۋيېتنامنىڭ ئۆتكەن يىل ئىچىدە ھەربىي خىراجىتىنى ئەڭ كۆپ زورايتقان دۆلەتلىكىنى ئىپادە قىلغان. كىتابتا، خىتاي «كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە مۇرەككەپ خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىگە يولۇقۇۋاتىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىغا ئوخشاش يىراق قىرلاردىمۇ پائالىيەت قىلىشى كېرەكلىكى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى ھەرىكىتىنىڭ ئوخشاشلا باشقا دۆلەتلەر بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ «كۆپ تەرەپلىمە تەھدىت» دېيىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشى قىلىۋاتقان قوشنا دۆلەتلەرنى، ئامېرىكىنى ۋە يۇقىرىقى ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىقتىسادىي رىقابەتچىلىرىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئارمىيىسى ئاق تاشلىق كىتابىدا بۇندىن كېيىن ئارمىيىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك ۋە تىنچلىقپەرۋەر بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۆزىنى قوغداش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تارىختىمۇ كۆرۈلگەن بىر ئەھۋاللىقىنى بىلدۈردى.