قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدا ژۇرناللار چىقىشقا باشلاپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، شۇنداقلا مەشھۇر ئۇيغۇر نامايەندىلىرى ھەققىدە قىزىقارلىق ماتېرىياللارنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مەزكۇر ژۇرناللار ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسى، شۇنداقلا ئىگىلىكلەر، تەشكىلاتلار، زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، دېھقانلار ۋە باشقىلارنىڭ مەبلىغى ھېسابىغا چىقىرىلدى ھەم تارقىتىلدى. بۇ ژۇرناللارنى تەشكىللىگەن ۋە تەييارلىغان خادىملار ھەتتا ھەقسىزمۇ ئىشلىگەن. خەلقنىڭ كۈچى ۋە قوللىشى بىلەن بىر نەچچە يىل داۋامىدا يورۇق كۆرگەن مەزكۇر ژۇرناللار ئىقتىساد قىسلىقى سەۋەبىدىن يېپىلىپ كەتكەن ئىدى.
ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى نەشر قىلىنغان شۇنداق ژۇرناللارنىڭ بىرى «ئارزۇ» ئۆز ۋاقتىدا خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نەشرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاۋۇت مەسىموف «ئارزۇ ژۇرنىلى» نىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختالدى.