سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى «ئاسىيا جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتى» ناملىق تېلېفون سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ سۆھبەتتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى دانىيال رۇسسېل سۆز قىلىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ2-تۆت يىللىق ئاسىيا سىياسىتى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى دانىيال رۇسسېل بۈگۈنكى تېلېفون سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇخبىرلارغا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ 2-تۆت يىللىق ھاكىمىيەت مەزگىلى ھېسابلىنىدىغان 2014-يىلىدىكى رايونغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، ئالدى بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتىنىڭمۇ داۋاملىق ھالدا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىل كىرە -كىرمەيلا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي باشچىلىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك دىپلوماتلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، كېلىمات ئۆزگىرىشى، مۇھىت مەسىلىلىرى ۋە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم بىر يىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دانىيال روسسېل سۆزىدە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى مۇھىم نۇقتىلار ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ «ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش ھەم ئامېرىكا ئۈچۈن، ھەم رايون دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش 2014-يىلدىكى دېپلوماتىيىنىڭمۇ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ ئىككىنچى مۇھىم مەسىلىنى بولسا، مۇھىت مەسىلىسى دەپ كۆرسەتتى ۋە رايون دۆلەتلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ دائىمىيلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىينىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن يەنە سۇ باشقۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى توسۇش، داۋاملىق تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىشىش پىلانلىرىنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «كېلىمات ئۆزگىرىشى» مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ يەنە ياپونىيە بىلەن «پاكىز ئېنېرگىيە» قۇرۇلۇشىدا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئىككى دۆلەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرلىكتە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
دانىيال روسسېل يەنە، ئامېرىكىنىڭ رايونغا قاراتقان دىپلوماتىيىسىدىكى 3-مۇھىم نۇقتىنى دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىش دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا تۈرلۈك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان مۇستەقىل ئورگانلانىڭ رايون دۆلەتلىرىدە ساغلام بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونلاردا ئاياللارنى، ياشلارنى تەربىيىلەش، ئىنگلىزچە ئۆگىتىش، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشكە ئوخشاش پروگراممىلارنى يولغا قويۇپ، مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل پروگراممىلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىدە، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «بىزنىڭ دىپلوماتىيەمىزنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھوقۇقلاردىن شۇنداقلا توغرا بىر ھاكىمىيەت ئامىلىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بىز يۇقىرىدىكىلەرنى رايوننىڭ پاراغىتى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللار، دەپ قارايمىز» دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىگە مىسال قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بېرما، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە دېموكراتىيىلىك ھەرىكەتلەرنى قوللاش ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى دىپلوماتىيىلىك ئالاقىلەردە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھېلىھەم مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «بىز ھەر قېتىم خىتاي سىياسەتچىلىرى بىلەن بىر يەرگە كەلگەندە، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ، ئۆكتىچى پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىش، قولغا ئېلىنىشى، مۇخبىرلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ئاخبارات-ئۇچۇرنىڭ قامال قىلىنىشىدەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. چۈنكى بىز، بۇ مەسىلىلەرنى خىتايدىكى مۇقىم تەرەققىيات ۋە تەرەققىياتنىڭ دائىمىيلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلە، دەپ قارايمىز» دېدى.
دانىيال رۇسسېل سۆزى داۋامىدا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم ۋە ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ ياتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. ئاندىن جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ «بىز خىتاينىڭ بۇ رايونلاردا بىئارامچىلىق پەيدا قىلىدىغان، تەھدىت خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان يول ئەمەس. ئەلۋەتتە ئامېرىكا ئۇ يەردە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىنى يوق. ئەمما بىز بۇ تۈردىكى ئىگىلىك ھوقۇق داۋالىرىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئىكەنلىكىنى خىتاينىڭ سەمىگە سېلىپ قويماقچى. بۇ خىل مەسىلىلەر دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەر ھەممىسى ئىغۋاگەرچىلىكتىن ساقلىنىپ، رايون مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.
دانىيال رۇسسېل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن رايوندىكى مەسىلىلەرگە بۇنچە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىزاھات بېرىپ «ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تاقىشىدۇ. بىز ئاسىيادا بولمىساق بولمايدۇ. 2014-يىلىدا بىزنىڭ رايوندىكى نىشانىمىز ۋە مەركەزلىشىدىغان نۇقتىمىز-قانۇنغا ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىققا تايانغان بىر سىستېما بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتۇر. بۇ پەقەت ئامېرىكىنىڭلا ئارزۇسى ئەمەس، بۇ شۇنداقلا ھەم ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش دېموكراتىك شېرىكلىرىمىزنىڭمۇ ئورتاق ئارزۇسى» دېدى.
كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئال سوراش قىسمىغا ئۆتكەندىن كېيىن، بىر مۇخبىر دانىيال روسسېلدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىنى خاتىرىلىتىپ تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كونكرېتراق چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى سورىدى. دانىيال روسسېل بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئىغۋا، تەھدىت خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «خىتاي قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىشى كېرەك. قوشنىلىرىنى بىئارام قىلىپ، ئۇلارنى رەنجىتىش پايدا كەلتۈرىدىغان ئەھۋال ئەمەس. ئامېرىكا ھەر ۋاقىت مەسىلىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق، سۆھبەت-مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىش تەرەپدارى بولۇپ كەلدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ھەم شۇنداقلا باشقا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشى كېرەك. خىتاينىڭ بۇنداق پوزىتسىيىلەردە بولۇشى خىتاي ھەققىدىكى گۇمانلارنى كۈچەيتىدۇ. بىز خىتاينىڭ رايوندا قانۇنغا تايانغان بىر سىستېما قۇرۇشنىڭ ھەم خىتاينىڭ، ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەم رايوننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
يەنە بىر مۇخبىر خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدىمۇ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشمايۋاتقانلىقىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەگە يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئالدىغا تىجارىي مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سورىدى. دانىيال بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاي ۋە شۇنىڭدەك باشقا دۆلەتلەر ھەممىسى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ رايون مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ زور تەھدىتلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىگە سەل قاراش خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زىيانلىق. خىتاي بۇ مەسىلىدىمۇ ئامېرىكا بىلەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك» دېدى.