مەركىزىي ئاسىيادا ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى ۋە يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغىنىڭ لايىھىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى
2017.01.20
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، بولۇپمۇ رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، بېلورۇسىيە ۋە تاجىكىستاننىڭ ئەزالىقىدىكى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىقتىسادىدىكى رولى ھەم تەسىرى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر-تەخمىنلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا. قازاقىستاننىڭ «سپۇتنىك» ئاخبارات تورىدا 16-يانۋاردا ئېلان قىلىنغان «يىپەك يولى: ھەممە يوللار خىتايغا ماڭىدۇ» ناملىق ماقالىدە قازاقىستانلىق ۋە قىرغىزىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي لايىھىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى مارىيا شېلۇدياكوۋانىڭ ئېيتىشىچە، موسكۋادىكى رۇسىيە خەلق ئىگىلىكى ۋە دۆلەت خىزمىتى ئاكادېمىيىسىدە ھەر يىلى ئۆتىدىغان مەشھۇر ئىقتىسادچى ئالىم يېگور گايدار خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا جەم بولغان ھەر خىل مەملىكەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىشىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ قانداقلا بولمىسۇن ئۆز لايىھىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سۆزسىز ئۆز شەرتلىرىنى قويىدىغانلىقىنى، مەبلەغ سالغان تەقدىردە ھەم ئاساسىي ئىش ماڭغۇزغۇچىلارنىڭ، ھەم ئىشچىلارنىڭ خىتايلار بولۇشى لازىملىقىنى، مەبلەغنى قايتۇرۇش قەرەللىرىنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ جەھەتتە «مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى خىتايغا بېقىندى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالامدۇ ؟» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قىرغىزىستاننىڭ سابىق ھۆكۈمەت باشلىقى جوئومارت ئوتوربايېف يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سۆزسىز ياردەملىشىدىغانلىقىنى، ئەمما كېلەچەكتە بۇنىڭدىن بىرەر پايدا ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : «مەركىزىي ئاسىيادا يىپەك يولىنىڭ كېلەچەك تەرەققىيات جەريانى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ھاجەت. خىتاي تەرەپنىڭ بىزنىڭ بەشلىك، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مۇزاكىرىلىرى باشلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللارنىڭ ئەمدى ئەھمىيىتى يوق.»
مۇتەخەسسىس ھازىرقى كۈندە مەملىكەت كاپالىتى ئاستىدا قەرىزگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئانچە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭغا مەملىكەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئۈزۈلۈشلەرنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمدى ئۆز-ئارا بىرلىشىپ ئىشلەشنىڭ يېڭى يوللىرىنى تېپىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەسلىدە بىزنىڭ ئىقتىسادلىرىمىزنىڭ ئىچكى مۇمكىنچىلىكلىرى ئىنتايىن كۆپ، خىتاي ئۈچۈنمۇ مەركىزىي ئاسىيانىڭ كېلەچىكى بار. ئەمما، شارائىتلار بار-مەملىكەتلەر ئىككى چوڭ دۆلەت، يەنى رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ساۋاتلىق تۈزۈشى لازىم.»
ئىقتىسادچىلارنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇز يىلدىن كېيىن دۇنيا تاۋار ئوبوروتىنىڭ يېرىمىنى ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئاسىيا توغرىلىق گەپ قىلغاندا ھەممىدىن ئاۋۋال خىتاي كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىقتىسادتا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يىپەك يولىغا قوشۇلۇش ھاجەتتۇر، بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق. بىر تۇتاش ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا خىتاي 45 مىلياردتىن ئوشۇق مەبلەغ ئاجرىتىشنى تەكلىپ قىلماقتا. بەزى كونكرېت لايىھىلەر بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ.
قازاقىستاننىڭ «ئاستانا خەلقئارا مالىيە مەركىزى»نىڭ باشلىقى قايرات كېلىمبېتوفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ئۆز ھېسابىغا بەزى لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، يۇقىرىدا ئاتالغان ئىككى چوڭ لايىھىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن لازىم بولغان بەزى ساھەلەر تەييارلىنىپ بولغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆز پۇلىمىزغا ناھايىتى چوڭ ئىشنى قىلدۇق: خىتاي ۋە قىرغىزىستان چېگرىلىرىدىكى تۆمۈر يوللارنىڭ قوشۇلۇشى، مىڭلىغان كىلومېتىر تۆمۈر يوللارنىڭ ياسىلىشى، ئاقتاۋدىكى دېڭىز پورتىنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە باشقىلار.» ق. كېلىمبېتوف مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە مەبلەغنىڭ ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى كېلەچەكنىڭ خىتاي بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
«قازاقاخبارات» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى مۇدىرى يېرلان كارىننىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلى خىتاي ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا مەبلەغ سېلىشىنى يەنىمۇ داۋام قىلماقچى. 2017-يىلى قازاقىستاندا ئومۇمەن قازاقىستان-خىتاي بىرلەشكەن لايىھىلىرىدىن نۆۋەتتىكى 12 مەبلەغ لايىھىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ. قىرغىزىستاندا «شىمال-جەنۇب يولى»، بىشكەك ئىسسىق ئېلېكتر ئىستانسىيىسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئوخشاش چوڭ لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش داۋاملىشىدۇ. شۇنداقلا تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە خىتاينى بېسىپ ئۆتىدىغان «مەركىزىي ئاسىيا-خىتاي گاز تۇرۇبىسى»نىڭ تۆت تارمىقىنى سېلىش داۋاملىشىدۇ.
«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادچى دوكتورى گۈلجاھان ھاجىيېۋانىڭ پىكرىچە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ياۋروئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى مەملىكەتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكى، ترانسپورت، ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا، بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىشقا ئىجابىي تەسىرىنى يەتكۈزىدۇ. شۇنداقلا ھەر قانداق ئىقتىسادىي لايىھىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مەملىكەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە، باشقىمۇ ساھەلەرنىڭ پەيدا بولۇپ، راۋاجلىنىشىغا، قازاقىستان ئىقتىسادى قۇدرىتىنىڭ ئۆسۈشىگە يول ئاچىدۇ. بۇ شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستاننىڭ قوشنا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەدەنىي ئالاقىلىرىنىڭمۇ كۈچىيىشىگە ئېلىپ كەلمەكچى.
سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالى ھەم رۇسىيە، ھەم خىتاينىڭ ھەر خىل لايىھىلەر ئارقىلىق بولۇپمۇ مەركىزىي ئاسىيا بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەم ئالەمشۇمۇل دائىرىدە، ھەم ئىككى تەرەپلىمە دائىرىدە رۇسىيە ھەم خىتاي باشتىنلا بىر-بىرىگە رىقابەتچى مەملىكەتلەردۇر. ھازىر ئۇلار ئوتتۇرىسىدا كۆپىنچە بىر-بىرىگە ئىشەنچ مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىلغان. مۇنداق مۇناسىۋەتلەر ھەم رۇسىيەگىمۇ، ھەم خىتايغىمۇ ھاجەت، سەۋەبى ھەر ئىككىسى شۇنداق ئىتتىپاقداشلارغا موھتاج. بولۇپمۇ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بارلىق دۆلەتلەرگە دېگۈدەك كېرەك بولغانلىقتىن، خىتاي ئۆزىنى تىنچلىقپەرۋەر، كېلەچىكى بار مەملىكەت سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.»
ر. جۇمالىنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كۈچىيىشى بارا-بارا ئۇنىڭ سىياسىي تەسىر دائىرسىنىڭمۇ ئۆسۈشىگە ئېلىپ كېلىدۇ.